مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان:«ۋەتەنگە ۋە جۇمھۇرىيەتكە ئىگە چىقىۋاتىمىز، مەڭگۈ پايىدار بولىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ھەممە ساھەدە ئالغا سىلجىتىدىغان ۋە يۈكسەلدۈرىدىغان قەدەملەرنى بېسىۋاتىمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى
/ TRT World and Agencies

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلەنگەن ئۇچۇرىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە 1919-يىلى باشلانغان ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بولغان 19-ماينىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس: «ئەجدادلىرىمىز مۇقەددەس ئامانەت سۈپىتىدە قالدۇرغان ۋەتەنگە ۋە جۇمھۇرىيەتكە ئىگە چىقىۋاتىمىز، مەڭگۈ پايىدار بولىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ھەممە ساھەدە ئالغا سىلجىتىدىغان ۋە يۈكسەلدۈرىدىغان قەدەملەرنى بېسىۋاتىمىز» دېدى.

تۈرك ياشلىرىغا پەقەت كەلگۈسىنىڭ بىناكارلىرى دەپلا ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈرك ياشلىرىنىڭ ئېنېرگىيەسى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن «مەدەنىيىتىمىزنىڭ» مىراسلىرىنى يۈرەكلىرىدە ساقلاپ، «بىز ياشاۋاتقان دەۋرگە ‹تۈركىيە ئەسىرى› تامغىسىنى باسىدىغانلىقىغا» «چىن كۆڭلىدىن» ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Turkish president announces discovery of new natural gas reserve in Black Sea

تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى

ئۇ: «تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشتا، تۈرك ياشلىرىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ۋە دۆلەت بايلىقىنى <ئەھمىيەتسىز تالاش-تارتىشلار بىلەن> ئىسراپ قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى <ھەل قىلىۋاتىمىز ۋە تۈپتىن يوقىتىۋاتىمىز>» دېدى.

«ياشلىرىمىزغا تىنچ، خاتىرجەم، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ئاۋات بىر دۆلەت قالدۇرۇش ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز... ئىلىم-پەن، سەنئەت، تەنتەربىيە، دېھقانچىلىق، دىپلوماتىيەدىن تارتىپ يادرو تېخنىكىسىغىچە بولغان ھەممە ساھەدە ياشلىرىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى بايقىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز، بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىرىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمەستىن تىرىشىدىغان، ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغان ۋە ئەجدادلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق تۈرك ياشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan emerges as key power broker in a fragmented world order

ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «باسقان قەدەملىرىمىز بىلەن كۈچىيىۋاتقان، كۈچەيگەنسېرى مەركىزىي دۆلەت ئورنىغا كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھەر بىر مۇۋەپپەقىيىتىدە ھەسسىسى بولغان تۈرك ياشلىرى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تېخىمۇ كۆپ ئىشلەش ۋە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە «غازى مۇستاپا كامال باشتا بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى»مۇ ئەسلەپ ئۆتتى.

1919-يىلى 19-ماي — كېيىنچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولىدىغان ئاتاتۈركنىڭ، تۆت يىلدىن كېيىن دۆلەتنى زامانىۋى تۈركىيەگە ئايلاندۇرىدىغان ئۇرۇشنى باشلاش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن قارا دېڭىز شەھىرى سامسۇنغا كەلگەن كۈنىدۇر.

1938-يىلى ئاتاتۈرك 19-ماينى تۈرك مىللىتى ياشلىرىغا ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان. بۇ مىللىي بايرامدا ياشلار پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا رەسمىي مۇراسىملار بىلەن تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye advances in its quest for 'terror-free' future — Erdogan

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى