باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇيۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلومات باڭلادېشنىڭ «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ / Reuters

باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باڭلادېشنىڭ ئەمدى دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ باڭلادېش رەھبەرلىكىنى نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆزلىرى بىلەن بىللە بولۇشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باڭلادېش تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالدىنقى ھەپتە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھۇمايۇن كەبىر: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى ئىپادىلىدۇق. باڭلادېش ھازىر دۇنيادا تونۇلغان بىر دۆلەت. غەربىي ئاسىيا (ئوتتۇرا شەرق) شېرىكلىرىمىز ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللىرى ھازىر باڭلادېش رەھبەرلىكىنى، بولۇپمۇ باش مىنىستىر تارىق راھماننىڭ رەھبەرلىكىنى نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۆزلىرى بىلەن بىللە بولۇشقا چاقىرماقتا» دېدى.

ئىلگىرى تارىق راھماننىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھۇمايۇن كەبىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر غەربىي ئاسىيادا ئىسلام ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر خەۋپسىزلىك كېلىشىمى بولسا، ئۇ يەرگە بېرىشىمىز غەلىتە ئىش ئەمەس. بىز بۇنىڭغا قاراپ باقىمىز، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئىجابىي باھالانماقتا» دېدى.

تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان 7-ئاۋغۇست كۈنى مەككىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىش، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە رايوندا ۋە رايون سىرتىدا تىنچلىق بىلەن مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى ئەسسافا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى