تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھىدروكاربون ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە، چەت ئەل دېڭىزلىرىدىكى ئىزدەش پائالىيەتلىرىگە يەنە بىر يېڭىسىنى قوشۇشقا تەييارلانماقتا. «ئورۇچ رەئىس» سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى سومالىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى قىتئەلەر ئارا ۋەزىپىسىدىن كېيىن، 30-ئۆكتەبىردە مەرسىن تاشئۇجۇ پورتىدىن يولغا چىقىپ، پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ ۋە ئىككىنچى چەت ئەل ھەرىكىتىنى باشلايدۇ.
پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىككى ئايرىم نۇقتىدا خىزمەت قىلىدىغان ئورۇچ رەئىس، 670 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوندا ئۈچ ئۆلچەملىك، 2 مىڭ 353 كىلومېتىرلىق رايوندا ئىككى ئۆلچەملىك سېيسمىك سانلىق مەلۇمات توپلايدۇ. ئورۇچ رەئىسنىڭ پاكىستانغا يېتىپ بېرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە پاكىستاندا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«پاكىستان دېڭىز ساھەلىرىدە ھىدروكاربون ئىزدەش خىزمەتلىرىنى باشلايمىز»
مىنىستىر بايراقتار دۇنيادىكى 4-چوڭ چوڭقۇر دېڭىز بۇرغىلاش فىلوتىغا ئىگە تۈركىيەنىڭ تەجرىبىسىنى دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان بىلەن كۈچ بىرلەشتۈرۈپ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈرك ئىنژېنېرلىرىمىز تەرىپىدىن ياسالغان مىللىي پەخرىمىز ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتىمىز قىتئەلەر ئارا ئىككىنچى ۋەزىپىسى ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ باردى. بۈگۈنگىچە كۆك ۋەتەندە 23 مىڭ كىلومېتىرلىق، سومالىدا بولسا 4 مىڭ 464 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلەپچىقارغان ئورۇچ رەئىس بىلەن ئەمدى پاكىستان دېڭىز ساھەلىرىدىمۇ ھىدروكاربون ئىزدەش خىزمەتلىرىنى باشلايمىز» دېدى.
مارجان 3B ۋە ماكران 2B لايىھەلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ
ھەرىكەت دائىرىسىدە ئالدى بىلەن ئىندۇس-C بۆلىكى دەپ ئاتالغان ساھەدە «مارجان 3B سېيسمىك لايىھەسى» نى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇچ رەئىس، كاراچى دېڭىز قىرغىقى سىرتىدىكى 670 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوندا تەخمىنەن 50 كۈن ئىچىدە ئۈچ ئۆلچەملىك سېيسمىك سانلىق مەلۇمات توپلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن «ماكران 2B سېيسمىك لايىھەسى» دائىرىسىدە 2 مىڭ 353 كىلومېتىرلىق رايوندا 25 كۈن جەريانىدا ئىككى ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇمات توپلاش پىلانلانماقتا. 2017-يىلى يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەر بىلەن ياسالغان ئورۇچ رەئىس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سومالىدا 9 ئاي داۋاملاشقان ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى چوڭقۇر دېڭىز بۇرغىلىشىغا يول ئاچقان ئىدى.




























