تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۇنيانى دىپلوماتىيەگە چاقىردى
تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنىڭ رايونغا تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، دىپلوماتىيە يولىنى چاقىرىق قىلدى.
تۈركىيە دۇنيانى دىپلوماتىيەگە چاقىردى
تۈركىيە دۇنيانى دىپلوماتىيەگە چاقىردى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دىپلوماتىيە يولىنى چاقىرىق قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىران ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلدى.

تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن، ئوتتۇرا شەرقتە كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ پۈتكۈل رايونغا يامراپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە دىپلوماتىيەگە قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئادمىرال زەكى ئاكتۈرك پەيشەنبە (2026-يىلى 2-ئاپرېل) مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە بلەن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشى ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كۈچەيگەن بۇ ئۇرۇش، تېخىمۇ چوڭ رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش جەھەتتە يەنىلا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بارلىق تالاش-تارتىشلار خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا، سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك بىزنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى قەتئىي مەيدانىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's Fidan discusses regional issues with Jordanian, Japanese, Qatari, Egyptian counterparts

ئاكتۈرك يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق سەپلەردە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھۇجۇملار ب د ت نىڭ ئۈچ نەپەر تىنچلىق ساقلاش خادىمىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.

ئاكتۈرك يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، سۈرىيەنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى» گە داۋاملىق دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا «قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ»، غەززەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئاكتۈرك: «خەلقئارا تۈزۈمنىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا بولغان ئىشەنچكە تېخىمۇ كۆپ زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ب د ت نى ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇشتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز» دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاكتۈرك تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇنىڭ پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن لىۋىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel 'primarily' responsible for 'unlawful war' with Iran: Türkiye's Erdogan

 

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى