ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىش ناھايىتى مۇھىم

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۇۋەيت ئەمىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىش ناھايىتى مۇھىم / AA

كۇۋەيتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا غەززەدە مىڭبىر مۇشەققەتتە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 سەيشەنبە كۈنى كۇۋەيتتە رەسمىي زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ دۆلەتنىڭ ئەمىرى شەيخ مەشئەل ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە - كۇۋەيت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غەززەدە ناھايىتى قىيىن شارائىتتا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.»

باياناتتا يەنە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى:

 «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە تېررىتورىيەلىك پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى بەرپا قىلىشتا قېرىنداش ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.»

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا، تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، سودا ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدىكى ھازىرقى ھەمكارلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى:

«قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىۋاتقان چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى باردۇر.

 پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى كۇۋەيتنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى خۇشاللىق بىلەن كۆزىتىپ تۇرىۋاتىمىز. شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلەر داۋام قىلىۋاتقان ئەركىن سودا كېلىشىمى قېرىنداش پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.»

 تۈركىيە – كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا تۆت كېلىشىم ئىمزالاندى

 تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئەمىر شەيخ مەشئەلنىڭ ھۇزۇرىدا تۆت كېلىشىم ئىمزالاندى.

كۇۋەيتتىكى بايان سارىيىدا ئىككى تەرەپلىك ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا دېڭىز تىرانسپورتى كېلىشىمى ۋە دېڭىزچىلارنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ فەھد يۈسۈف سۇئۇد ئەسساباھ تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئائىت كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار بىلەن كۇۋەيت توك، سۇ ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سۇبەيھ ئابدۇلئەزىز ئابدۇلموھسىن ئەلمۇھەيزىم تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

 شۇنداقلا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ۋەكىللىك قىلىنغان تۈركىيە بىلەن كۇۋەيت بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنى تەرىپىدىن ۋەكىللىك قىلىنغان بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئائىت كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد بۇراق داغلىئوغلۇ بىلەن كۇۋەيت بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ باش مۇدىرى شەيخ مەشئەل تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

تۈنۈگۈن كۇۋەيتتە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەمىر مەشئەل بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئەمىر مەشئەلگە تۈركىيەنىڭ يەرلىك توك ئاپتوموبىلى Togg نىڭ كىچىك تىپتىكى مودېلىنى ھەدىيە قىلدى.