خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«سۇمۇد» فىلوسى نامايىشلىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان ئىتالىيەدە ئىش تاشلاش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە
ئىتالىيەدە مىڭلىغان كىشى رىم، مىلان ۋە باشقا شەھەرلەرگە يىغىلدى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى غەززەگە ياردەم ئېلىپ ماڭغان پائالىيەتچىلەرگە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.
«سۇمۇد» فىلوسى نامايىشلىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان ئىتالىيەدە ئىش تاشلاش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە
«سۇمۇد» فىلوسى نامايىشلىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان ئىتالىيەدە ئىش تاشلاش چاقىرىقلىرى كۈچەيمەكتە / Reuters

ئىتالىيە مىقياسىدا مىڭلارچە كىشى غەززەگە ياردەم ئېلىپ بارىدىغان فىلونى قوللاش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقتى. نامايىشلار مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلاش ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت بىر كۈن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۇرۇنۇشىنى تەنقىد قىلغانىدى.

رىمدا ساقچىلار، تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىنىڭ كولوسسېي مەيدانىدىن شەھەر مەركىزىگە قەدەر پىيادە يۈرۈش قىلىپ، باش مىنىستىر جيورجيا مېلونىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

نامايىشلار مىلان، تۇرىن، فىلورېنسىيە ۋە بولوگنا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭەيدى.

رىم شەھەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى لورېنزو گىئاردىنېتتى نامايىشقا قاتنىشىپ: «بۇ فىلو مەلۇم مەنىدە بۇ مەسىلىگە قايتىدىن دىققەت قوزغىدى ۋە بەلكىم ئىككى يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋىجدانلارنى ئويغاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۈگۈن كولوسسېي مەيدانى، ئەتە ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش... بۇ، خۇددى فىلو پائالىيەتچىلىرىگە ئوخشاش، بىزنىڭمۇ مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىلاندا تەخمىنەن 5 مىڭ كىشى دۇئومو مەيدانىغا يېقىن جايدا يىغىلىپ، قاتناشنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىدا يوللارنى توستى.

نامايىشچىلار: «ھەممە نەرسىنى توسوشقا / توختىتىشقا تەييارمىز. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ماشىنىسى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك» دەپ ۋارقىرىدى.

تۆمۈر يول شىركىتى ترېنىتالىيا، فىلورېنسىيە ۋە بولوگنادا نامايىشچىلارنىڭ تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى سەۋەبىدىن پويىز قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىش تاشلاش ۋە قولغا ئېلىشلار

ئىتالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، «ئاساسىي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى» (USB) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۈمە كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇيۇشما: «ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلماقتا. ھەممە نەرسىنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى.

مېلونى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ فىلودىن 40 نەپەر ئىتالىيە پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

مېلونى مۇخبىرلارغا: «ئەلۋەتتە بىز بۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىتالىيەگە قايتىپ كېلەلشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز»، دېدى، لېكىن، «مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق دەپ قارايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، بارلىق فىلو ئەزالىرىنىڭ كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا تېل ئاۋىۋدىكى بېن گۇرىئون ئايرودۇرۇمىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ياۋروپا پايتەختلىرىگە ئۇچىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ھېچقانداق زوراۋانلىق ياكى قاتتىق قوللۇقنىڭ خاتىرىلەنمىگەنلىكى»نى بىلدۈردى.

يەرشارىۋى «سۇمۇد» فىلوسىدا ئىككى نەپەر ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئىككى نەپەر ئىتالىيەلىك ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسىمۇ بار ئىدى. تەشكىللىگۈچىلەر فىلونىڭ خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاشقۇن ئوڭ قانات ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مېلونى، ئىلگىرى فىلونى «خەتەرلىك، مەسئۇلىيەتسىز» بىر ئۇرۇنۇش دەپ تەنقىد قىلغانىدى.

مېلونى سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، نامايىشچىلارنىڭ توختىشىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىغا خەۋپ يەتكۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز