پىكىر-مۇلاھىزىلەر
خەلقئارا
3 min read
ياپونىيەدە «كۈچلۈك يەر تەۋرەش» ئاگاھلاندۇرۇشى
ياپونىيەلىك ئالىملار خەلقنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرماقتا
ياپونىيەدە «كۈچلۈك يەر تەۋرەش» ئاگاھلاندۇرۇشى
ТРТ дунья / AA
2024-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى

ياپونىيەلىك يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەتنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بولغان «كۈچلۈك يەر تەۋرەش»كە تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ چوڭ تەۋرەشنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىمەكتە.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە جەمئىيىتى (JMA) نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، 2011-يىلى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 18 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان يەر تەۋرەش، سۇ تاشقىنى ۋە يادرو ئاپىتىدىن كېيىن تۈزۈلگەن يېڭى قائىدىلەر دائىرىسىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇشتا نېمىلەر بار؟

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ «كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاگاھلاندۇرۇشى»دا، «مۇمكىن بولغان چوڭ يەر تەۋرەشتە كۈچلۈك سىلكىنىش ۋە شىددەتلىك دېڭىز تاشقىنلىرى يۈز بېرىدىغانلىقى» ئەسكەرتىشلىرى بار.

«يېڭى بىر كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى نورمالدىن يۇقىرى، ئەمما بۇ مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.»

بۇ ئۇقتۇرۇش تىنچ ئوكياندىكى ئىككى تەۋرەش نۇقتىسىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ۋە ئىلگىرى شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر يۈز بەرگەن نەنكەي ئويمانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

نەنكەي ئويمانلىقى دېگەن نېمە؟

نەنكەي ئويمانلىقى 800 كىلومېتىر (500 مىل) ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ ئاستى ئويمانلىقى بولۇپ، توكيونىڭ غەربىدىكى شىزۇئوكادىن كيۇشۇ ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغىچە سوزۇلىدۇ.

ھەر يۈز ياكى ئىككى يۈز يىلدا بىر قېتىم، سەككىز ياكى توققۇز  بال چوڭلۇقتىكى ۋەيران قىلغۇچ يەر تەۋرەشلەرگە سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

ئادەتتە قوش يەر تەۋرەشلەر شەكلىدە يۈز بېرىدىغان ۋە «زور ئىتتىرگۈچى يەر تەۋرەشلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل سىلكىنىشلەرنىڭ، ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا خەتەرلىك دېڭىز تاشقىنلىرىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى مەلۇم.

1707 -يىلى نەنكەي ئويمانلىقىنىڭ بارلىق قىسىملىرى بىرلا ۋاقىتتا يېرىلىپ، دۆلەتتە خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ ئىككىنچى يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فۇجى تېغىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پارتلىشىنىمۇ قوزغىغان بۇ يەر تەۋرەشتىن كېيىن 1854-يىلى نەنكەيدە ئىككى ۋە 1944-1946-يىللىرى بىردىن يەنە زور يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

خەتەر قانچىلىك چوڭ؟

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن نەنكەي ئويمانلىقىدا يۈز بېرىدىغان 8-9 بال كۈچلۈكتىكى بىر يەر تەۋرەشنىڭ كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ ناچار ئەھۋالدا 300 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بەزى ئىنژېنېرلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن زىياننىڭ 13 تىرىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

گېئولوگلار كايل بىرادلېي ۋە جۇدىت ئا. خۇببارد، «يەر تەۋرەش چۈشەنچىلىرى» ناملىق دوكلاتىدا: «نەنكەيدىكى چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ تارىخى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دەپ يازدى.

ئۇلار: «يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئادەتتە يەنە بىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى.

«كەلگۈسىدىكى چوڭ نەنكەي يەر تەۋرىشى شۈبھىسىزكى تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كۈتۈلگەن يەر تەۋرەش بولۇپ، ‹شىددەتلىك يەر تەۋرەش› دېگەن ئۇقۇمنىڭ بەدىلىدۇر.»

خەلق قانچىلىك ئەندىشە قىلىشى كېرەك؟

ياپونىيە، يەر تەۋرەش رايونلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى؛ ئۆي جابدۇقلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن تارتىپ، ئەڭ يېقىن كۆچۈرۈش پاناھگاھىنىڭ ئورنىنى بىلىشكىچە بولغان ئومۇمىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرماقتا.

دۆلەتتىكى نۇرغۇن ئۆيلەردە قۇتىلانغان سۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك يېمەكلىكلەر، قول چىراغ، رادىيو ۋە باشقا ئەمەلىي بۇيۇملار قويۇلغان ئاپەت سومكىسى بار.

ئەمما ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىرادلېي ۋە خۇببارد قارىشىچە، پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.1 كۈچلۈكتىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىن بېشارەت يەر تەۋرىشى بولۇش ئېھتىماللىقى «ناھايىتى تۆۋەن».

«مەسىلەن، كالىفورنىيەدە ئومۇمىي قائىدە بويىچە، ھەر قانداق يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىن بېشارەت سىلكىنىش بولۇش ئېھتىماللىقى بەش پىرسەنت ئەتراپىدا.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى