سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رايونلۇق مۇرەسسەچىلەر ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە مىسىر يېقىنقى مەزگىلدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ھەمدە يادرو كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا يول ئېچىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون ۋە تېھران بىلەن قويۇق سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
رايونلۇق مۇرەسسەچىلەر ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
[ھۆججەت]: ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن ئىككى كۈندە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشتى. / رويتېرس

«ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەرلەر تورىنىڭ پەيشەنبە ئاخشىمى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رايونلۇق ۋاسىتەچىلەر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، يادرو كېلىشىمى ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.

ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىككى مەنبە ۋە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەنبەلەر رايوندىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يەتكۈزگەن.

ۋاسىتىچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىكى رايونلۇق مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاسىتىچىلەر يېقىندا ھورمۇز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئىران ھۇجۇملىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى رامكا كېلىشىمىگە قارشى چىقىدىغان ۋە بۇ كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىران ھاكىمىيىتى تەركىبىدىكى كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان دەپ قارىماقتىكەن.

مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قاتار، پاكىستان، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىران ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن.

ۋاسىتىچىلىك مۇساپىسىگە قاتنىشىۋاتقان رايونلۇق بىر مەنبە: «ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ بىلەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش، ئارقىدىن تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئىران بىلەن ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىدا ئۈچ سودا پاراخوتىغا قارىتىلغان ئىران ھۇجۇمىدىن كېيىن كۈچەيگەن سۈركىلىش جەريانىدا ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشتى.

تېھران ئامېرىكانىڭ كېچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى كۈنلۈك ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس سۈپىتىدە، پەيشەنبە كۈنى بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى قوزغىدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»