سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
نېپالدا ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 600 دىن ئېشىپ كەتتى
نېپالدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 623 كە يەتتى، 1100 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتتى.
نېپالدا ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 600 دىن ئېشىپ كەتتى
2026-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، نېپالنىڭ نۇۋاكوت رايونى دېۋىغاتتا، كىشىلەر تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن ۋە لاي-شېغىل ئېقىمىدىن كېيىنكى ۋەيرانچىلىقنى كۆرمەكتە. / Reuters

شەنبە (2026-يىلى 29-ئاۋغۇست) كۈنى نېپالدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 623 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە  2300 دىن ئارتۇق كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارغا قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئۈچۈن مىڭلىغان ساقچى ئەۋەتىلگەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن جەسەتلەرنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.

نېپال ساقچىلىرى جەمئىي 616 جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەلىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە چىتۋان (Chitwan) دا 233، شەرقىي ناۋالپاراسى (Nawalparasi East) دا 158 جەسەت تېپىلغان بولۇپ، بۇ جايلار ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە يەنە ھىمالايا تېغىدىن باشلىنىدىغان بوتېكوشى (Bhotekoshi) ۋە ترىشۇلى (Trishuli) دەريالىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان گوركا (Gorkha)، دادىڭ (Dhading) ۋە نۇۋاكوت (Nuwakot) رايونلىرىدىن تېپىلغان ئونلىغان جەسەتلەرمۇ بار. ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا بويىدىكى يىراق جايلاردىمۇ جەسەتلەر تېپىلغان.

نېپال تەرەپتە ئاز دېگەندە 638 كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 511 نەپىرى چەت ئەللىك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا يەتتە كىشى ئۆلگەن، 554 كىشى يوقاپ كەتكەن.

نېپال دائىرىلىرى 2301 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ياكى يارىدارلارنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ھايات قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نۇۋاكوت ۋە راسۇۋا (Rasuwa) رايونلىرىدا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ساقچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 27 ساقچى خادىمى بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا 4811 نەپەر خادىم قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nepal urges Meta, TikTok to remove AI-generated flood videos
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى