جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا 16-قېتىم نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ

 ئەردوغان 2005-يىلىدىن بۇيان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارالىق ۋىجداننىڭ ئاۋازىغا ئايلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇنجى قېتىم باش مىنىستىرلىق دەۋرىدە، 2005-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 60-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ شۇ نۆۋەتلىك يىغىندىكى نۇتىقىدا: «ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزىنى يېڭىلىغان، تېخىمۇ دېموكراتىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا، بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان، خەلقئارالىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدىغان، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ كاپالىتى دەپ قارىلىدىغان، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە غەيرەتلىك بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇندۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن مۇھىم سىگنال بەرگەن ئىدى.

ئەردوغان يەنە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىگە دىققەت تارتىپ: «دۇنيانىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكىتى ھەممىمىزنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. چېگرا تونۇمايدىغان تېررورلۇقنى لەنەتلەيمەن. تېررورلۇقنىڭ ئاچچىق تەجرىبىسىنى شەخسەن باشتىن كەچۈرگەن بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى سۈپىتىدە، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ بايالىئئاپەتكە قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقىمنى تەكرارلايمەن» دېگەن ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شۇ كۈندىن بۇيانقى نۇتۇقلىرى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي ئارخىپ خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ 2009-يىلىدىكى يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھ قىلىنمىغۇچە، تەشكىلاتتىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2011-يىلىدىكى نۇتىقىدا سۈرىيە، لىۋىيە، سومالى ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماي قېلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئىشغالىيەتنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» شوئارى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك ئويغىنىش

ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق خىتابلىرىدىن بىرى، 2014-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» دېگەن ئىبارىسى بولدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنىڭ ئىرادىسىگە مەھكۇم قىلىنغان يەر شارى سىستېمىسىنىڭ پەلەستىن ۋە سۈرىيە كىرىزىسلىرىدە ئۈنۈمسىز قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىر دۆلەت «ياق« دېسە ياق، «ھەئە» دېسە ئاندىن ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ سىستېما يەر شارى ۋىجدانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئەھۋال ئەمەس. پەلەستىندە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە 2 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئادەم قەتل قىلىنىۋاتقاندا، سۈرىيەدە 4 يىلدىن بۇيان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلۈۋاتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويالمىدى» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تېررورىزم ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەسكىن پوزىتسىيە

ئەردوغان 2016-يىلى 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا ئەللىرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇ يېڭى تىپتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان 170 دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتىدۇر» دېدى. ئۇ كېيىنكى يىللاردىمۇ دائېش ۋە پ ك ك غا قارشى كۈرەشنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.

2018-يىلىدىكى يىغىندا پەلەستىن مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن جۇمھۇر رەئىس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «پۈتۈن دۇنيا كۆرمەسكە سالسىمۇ، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەزلۇم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى، تۇنجى قىبلىمىز قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى: ئايلان بوۋاق ۋە پەلەستىن

2019-يىلىدىكى يىغىندا «ئايلان بوۋاق» نىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق غەيرىي رەسمىي كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئېسىگە سالغان ئەردوغان، 2023 - ۋە 2024-يىللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا دىققەت تارتتى. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى كېڭەيمىچىلىك خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن قىزىقىپ قالدىم، بۇ ئىسرائىلىيە دېگەن قەيەر؟ 1947-يىلى ئىسرائىلىيە قەيەردە ئىدى، ھازىر قەيەردە؟ 1947-يىلى بۇ يەردە ئىسرائىلىيە يوق دېيەرلىك ئىدى، ھەممىسى پەلەستىن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەلەستىن يوق دېيەرلىك، ھەممىسى ئىسرائىلىيەگە ئايلاندى... ئىسرائىلىيە تويدىمۇ؟ ياق، تويمىدى. ئەگەر بىز بۇ يەردە چىقارغان قارارلىرىمىز بىلەن ئۈنۈم يارىتالمىساق، ئادالەت نەدە ئورنىتىلىدۇ؟» دەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى جاۋابكارلىققا تارتتى.

مۇرەسسەچىلىك دىپلوماتىيەسى: قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى

ئەردوغان پەقەت تەنقىد قىلغۇچىلا ئەمەس، بەلكى چارە ئويلاپ تېپىشتا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا «ئىستانبۇل كېلىشىمى» ئارقىلىق قۇرۇلغان قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ ئاتىدى. بۇ قەدەم تۈركىيەنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلغۇچى مۇرەسسەچىلىك سالاھىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە قاراباغ

78-نۆۋەتلىك يىغىندا دۇنيا دۆلەتلىرىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاقە ئورنىتىشقا چاقىردى. شۇنداقلا قاراباغنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق سالاھىيەتنى تېڭىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش چاقىرىقى

2024-يىلىدىكى 79-نۆۋەتلىك يىغىندىمۇ دۇنياغا خىتاب قىلغان ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ: «مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەمدى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى گىتلېر قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى بىلەن توختىتىلغان بولسا، نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ قاتىللار شايكىسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى بىلەن توختىتىلىشى كېرەك» دېدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارغانسېرى ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ئېغىر ۋە ھەرىكەتسىز بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

دۇنيانىڭ دىققىتى يەنە ئەردوغاننىڭ نۇتىقىدا

قىبرىس مەسىلىسىدىن ئاقدېڭىزغىچە، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن كىلىمات كىرىزىسىگىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن ئەردوغان، 22-سېنتەبىردىكى نۇتىقىدا يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى تەھدىتلەرگە قارىتا چارە-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەردوغاننىڭ نىيۇ يورك زىيارىتى جەريانىدا دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلىرىمۇ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى