ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» كۈچلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە زور مىقداردا قورال-ياراغ ۋە جەڭ ماشىنىلىرىنى توشۇۋاتقان ئىككى پاراخوتنى نىشانغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى يەمەندىكى بىر پورتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن ۋە يەمەندىكى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» كۈچلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان زور مىقداردىكى قورال-ياراغ ۋە جەڭ ماشىنىلىرىنى پاراخوتتىن چۈشۈرۈۋاتقان پەيتتە نىشانغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.
يەمەن ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئانچە زىچ بولمىغان شەكىلدە گۇرۇپپىلاشقان ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى سەۋەبىدىن ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە. ئىلگىرىكى مۇستەقىل جەنۇبىي يەمەن دۆلىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى نىشان قىلغان «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى»، ئالدىنقى ھەپتىلەردە دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا چۈشۈرۈپ، باشقا ھۆكۈمەت كۈچلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغلاپ چىقاردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى شەنبە كۈنى، بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق ھەربىي توقۇنۇشتا يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى يېقىندا قولغا كىرگۈزۈۋالغان ۋىلايەتلەردىن «تىنچ يول بىلەن» چېكىنىشكە چاقىردى. يەمەن پورتىدىكى بىر مەسئۇل خادىم فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا (AFP) بەرگەن باياناتىدا: «ئەتىگەن تەرەپلەردە، ھۇجۇمدىن 15 مىنۇت بۇرۇن مۇقەللا پورتىنى بوشىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدۇق» دېدى. مەزكۇر خادىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بايانات بېرىش ھوقۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى يوشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە: «بوشىتىش خىزمىتى تاماملىنىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن، پورت ئىچىدىكى بىر تۈزلەڭلىكتە پارتلاش يۈز بەردى. ئوت ئاپىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى كۈچلىرىنى قوللاش ئۈچۈن زور مىقداردا قورال - ياراغ ۋە جەڭ ماشىنىسى توشۇۋاتقان» ئىككى پاراخوتنى نىشانغا ئالغان. ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ قورال - ياراغلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەھدىت ۋە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى بۈگۈن ئەتىگەن مۇقەللا پورتىدا ئىككى پاراخوتتىن چۈشۈرۈلگەن قورال - ياراغ ۋە جەڭ ماشىنىلىرىنى نىشان قىلغان چەكلىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى»
SPA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاراخوتلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى فۇجەيرە پورتىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەرىكەت خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە باشقا ھېچقانداق تالاپەت يۈز بەرمىگەن. SPA تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن ھاۋادىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، پورتتا لەڭگەر تاشلىغان پاراخوتلار ۋە پورتتىن ئۆتۈۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللار كۆرۈلىدۇ.
«سەزگۈر پەيت»
بۇ ھۇجۇم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەننىڭ ھەزەرمەۋت ۋىلايىتىدىكى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» بازىلىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ۋە ۋاشىنگتوننىڭ تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان توقۇنۇشتا سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىق قىلىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن يۈز بەردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە، سوغۇققان بولۇش ۋە دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد بىن سەلمان شەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» قىسىملىرىنىڭ رايونلۇق ئىككى ۋىلايەتنى ھۆكۈمەتكە «تىنچ يول بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشى» كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ سەزگۈر پەيتتە ئىككى ۋىلايەتتىن چېكىنىپ، بۇنى تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنىڭ غەلىبە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى.»
بىراق «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» جۈمە كۈنى، ھەزەرمەۋت ۋە مەھرا ۋىلايەتلىرىدە كەڭ زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغا ھۇجۇملارنىڭ بازىلىرىغا تەگكەنلىكىگە قارىماي، ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» نىڭ قوللىغۇچىلىرى كېڭەش 2025-يىلى جەنۇبتىكى نۇرغۇن رايونلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن بۇيان، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئەدەن قاتارلىق شەھەرلەردە داۋاملىق يىغىلىش ئۆتكۈزمەكتە. بۇ گۇرۇپپا ئەڭ چوڭ نامايىشلىرىنى ھەر جۈمە كۈنى ئۆتكۈزمەكتە.
«جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» گە قاراشلىق ئەدەن مۇستەقىللىق قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەنبە كۈنى يۈزلىگەن يەمەنلىك قەبىلە ئەزالىرى ئەدەندە بىر يەرگە جەم بولۇپ، «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» رەھبەرلىرىدىن جەنۇبىي يەمەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر قانال ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئادەمنىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي يەمەن مۇستەقىللىق بايرىقىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بايرىقى بىلەن بىرگە پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.
يەمەنلىك بىر ھەربىي ئەمەلدار جۈمە كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستان قوللاۋاتقان تەخمىنەن 15 مىڭ جەڭچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېقىن بىر يەرگە توپلانغانلىقىنى، ئەمما «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» نىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارغا قاراپ ئىلگىرىلەش بۇيرۇقى بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلار «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» ئالدىنقى ھەپتىلەردە قولغا چۈشۈرگەن زېمىنلارنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە جايلاشقان.
يەمەندىكى ھۆكۈمەت «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ھۇسىيلارغا قارشى ئورتاق ئۆكتىچىلىك ئاساسىدا بىر يەرگە جەم بولغان تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلەشمىسىدىن تەشكىل تاپقان.
ھۇسىيلار 2014-يىلى يەمەننىڭ پايتەختى سانادىن ھۆكۈمەتنى قوغلاپ چىقىرىپ، شىمالنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن ئىدى.













