كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.12.2025
00:00
00:0000:00
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.12.2025
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار. بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىسرائىلىيە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلدى؛ ب د ت ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

قاتار: غەززەدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ھېچبىر تەرەپكە يانباسماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ترامپ ئېنېرگىيە ھەق-ھوقۇقلىرىنى سەۋەب قىلىپ، ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان دېڭىز «قامالى» نى ئاقلىدى.

ب د ت سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى كوردوفاندىن زوراۋانلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە 650 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خاقان فىدان قارا دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 07.08.2026
زامانىۋى تېخنولوگىيە ۋە سىيرەك توپا ئېلېمىنتلىرى
سۈنئىي ئەقىل ئۇرۇش مەيدانىدا
راك خەۋپىنى ئازايتىشنىڭ يوللىرى
زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا: 15-ئىيۇلنىڭ 10 يىللىقى
بىز تېخنىكىنى كونترول قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى...
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 02.07.2026
يۈگرەش ماشىنىسىنىڭ ئۆتمۈشى
ئۆسۈملۈك چايلىرىنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ناۋىگاتسىيەسى