ئىسپانىيە ئەسكىرى چېگرادىن قايتۇرماقچى بولغان 12 ياشلىق ماراكەشلىك يېتىم بالا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى
خەلقئارا
ئىسپانىيە ئەسكىرى چېگرادىن قايتۇرماقچى بولغان 12 ياشلىق ماراكەشلىك يېتىم بالا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP) مۇخبىرلىرى، ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يىغلاپ يالۋۇرۇۋاتقان 12 ياشلىق، ھەمراھسىز بىر ماراكەشلىك بالىنى چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش مەنزىرىسىگە شاھىت بولدى.

ئىسپانىيەنىڭ سېئۇتا رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP) مۇخبىرلىرى، ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يىغلاپ يالۋۇرۇۋاتقان 12 ياشلىق، ھەمراھسىز بىر ماراكەشلىك بالىنى چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش مەنزىرىسىگە شاھىت بولدى.

چېگرا سىزىقىغا ئاران بىر نەچچە مېتىر قالغاندا، ئەتراپتىكى يەرلىك ئاھالىلەر بالىنىڭ تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەسكەرلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر پودپولكوۋنىكى بالىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى توختىتىپ قالغان. بالا ئارقىدىن ئىسپانىيە پۇقرالار مۇھاپىزەت ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئىلگىرى چېگرادىن ئۆتكەن جەمئىي 60 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىچىدە، سېئۇتادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە بولغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
كىرودىيەنىڭ ئومىس بازىرىغا ئوت كەتتى
گىرېتسىيەدىكى ساياھەت رايونىغا ئوت كەتتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارنى توسۇۋالدى
ئىتالىيەدە پارتلاش يۈز بەردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر پەلەستىنلىك-ئامېرىكالىق بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنى قورشاۋغا ئالدى
كولومبىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خارابىلىك ئاستىدىن بىر بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىسسىق ھاۋا ۋە قۇرغاقچىلىق ئەنگلىيەدىكى تارىخىي ستۇ پوند كۆلچىكىنى قۇرۇتۇۋەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى داۋاملىق كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك بىر بوۋاينى توسۇۋالدى
بىر بوۋاق گاز بومبىسى سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇپ قېلىشقا تاس قالدى