غەززەدە 20-ئاۋغۇست كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان 50 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى ۋە بەدەن پارچىلىرى، ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن دەپنە قىلىندى.
غەززە شەھىرىدىكى ئەل-شىفا دوختۇرخانىسى ئالدىدا ئوقۇلغان مېيىت نامىزىغا، سىياسەتچىلەر ۋە قەبىلە ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.
جەسەتلەر پەلەستىن بايراقلىرىغا ئورالدى ۋە باپتىست قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.