ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېد مىلىباند پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا قارىتا سودا چەكلىمىسى قويۇش بىلەن بىرگە، ئولتۇراق رايونلارغا قاراتقان مەبلەغ، قۇرۇلۇش، ئۇل ئەسلىھە، ئۆي-مۈلۈك ۋە ئېلانچىلىق قاتارلىق بىر قىسىم مۇلازىمەتلەرنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىلىباند ئەنگلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ئىشغالىيەتنى قانۇنغا خىلاپ دەپ باھالايدىغانلىقىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ زېمىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئېتنىك تازىلاشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىلىباند ئەنگلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى «ھەرىكەتكە ئۆتۈشى» كېرەكلىكىنى ئېيتتى.