تېھران ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا ئىراننى يەتتىنچى كېچىمۇ بومباردىمان قىلدى، تېھران پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
تېھران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
ئىران دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى ئامېرىكانىڭ بومباردىمانلىرىدا ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىدە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، سەككىز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر سۇ تازىلاش زاۋۇتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.