بۇلغارىيەدە مامۇت قالدۇقلىرى تېپىلدى
دوناي دەرياسىدىكى سۇ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى بولغارىيەدە مۇز دەۋرىگە تەۋە مامۇت قالدۇقلىرىنى ئاشكارىلىدى.
بۇلغارىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رۇسې (Ruse) شەھىرى ئەتراپىدا بايقالغان سۆڭەك پارچىلىرىنىڭ، زور ئېھتىماللىق بىلەن مۇز دەۋرىدە ياشىغان ياش بىر يۇڭلۇق مامۇتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يۈز پارچىلىرى، چىشلار، مۈرە سۆڭىكى ۋە يوتا سۆڭىكى قاتارلىق ياخشى ساقلىنىپ قالغان قالدۇقلار بىر يەردە تېپىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىرلا ھايۋانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ كەم ئۇچرايدىغان بايقاش، دوناي دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى رېكورت دەرىجىدە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن دەريا بويىدا تېپىلدى.