ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تېلئاۋىۋدا نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلدى
غەززە ئۇرۇشى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تېلئاۋىۋدا نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەلئاۋىۋدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە قاتتىققوللۇق بىلەن ئارىلىشىپ بېسىم ئىشلەتتى.

28-ئىيۇلدا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن تەلئاۋىۋدىكى نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. نامايىشچىلار، كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىش چاقىرىقىدا بولۇپ شوئارلارنى توۋلىدى ۋە ئېلان تاختىلىرىنى كۆتۈردى. ئۆتكەن ھەپتىدە، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تۆت پەلەستىنلىك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا چېتىشلىق ۋەقەلەردە 18 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ سان، 2025-يىلىنىڭ پۈتۈن بىر يىل بويىچە 17 ئىدى. پەلەستىن ھۆكۈمىتى، يىل بېشىدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ 20 پەلەستىنلىكنىڭ قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
97 ياشلىق ئايال جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇخبىرلارغا ئاۋاز بومبىسى ئاتتى
ئىسىرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا، لىۋان يېزىلىرىغا خىمىيەلىك بومبا ئاتقان
82 ياشلىق پەلەستىنلىك ئامېرىكا پۇقراسى ئاۋاز بومبىسىدا يارىلاندى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسىرائىلىيە لىۋانغا قارشى ئۇرۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىران كېمىلىرىدىن بىرى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتتى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ئاتالمىش «سېرىق سىزىق» قانداقلارچە «قىزىل رايون»غا ئايلاندۇرۇلدى