ئاشقۇن ئوڭچى ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نابۇلۇستىكى بۇزغۇنچىلىقنى نازارەت قىلدى
خەلقئارا
ئاشقۇن ئوڭچى ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نابۇلۇستىكى بۇزغۇنچىلىقنى نازارەت قىلدى
ئاشقۇن ئوڭچى ئىسرائىلىيە كېنېسسىت ئەزاسى تزۋى سۇككوت، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە غەربىي قىرغاقتىكى ماداما يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، شېھىتلەر خاتىرە مۇنارىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقنى نازارەت قىلدى.

ئاشقۇن ئوڭچى ئىسرائىلىيە كېنېسسىت ئەزاسى تزۋى سۇككوت، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدىكى كۆچمەنلەر ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نابۇلۇس شەھىرى جەنۇبىغا جايلاشقان ماداما پەلەستىن يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقىتتا، شېھىتلەر خاتىرە مۇنارىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقنى نازارەت قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈندى.

دىنىي سىيونىزم پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان سۇككوت، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلەر رايونلىرى ۋە ئالدىنقى پونكىتلارنى كېڭەيتىشنى قوللىشى بىلەن تونۇلغان كۆزگە كۆرۈنگەن كۆچمەن پائالىيەتچىسىدۇر.

بۇ ۋەقە ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندىكى پەلەستىنلىك جامائەتلەرنى نىشان قىلغان قانۇنسىز ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى 65 ياشلىق بىر ئايالنى ئۇردى
ئۇلترا ئورتودوكس يەھۇدىيلىرى ئەسكەرلىككە ئېلىنىشقا قارشى چىقتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەنتەنە قىلدى
بېن گۋىر خۇشاللىقىنى باسالمىدى
تونۇلغان خاخام ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى
ھىندىستاندا ئۆكتىچى رەھبەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم نازارەتكە ئېلىندى
7- ئۆكتەبىردە تۆت قىتئەدىكى ئاكتىۋىستلار غەززە ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
ئەنگلىيە ساقچىلىرى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىدا بىر يەھۇدىي ئايالنى تۇتۇپ كەتتى
مەككە مۇداپىئە ئەھدىنامىسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى
دونالد ترامپ ئىراننىڭ كالىفورنىيە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىشى ھەققىدە چاقچاق قىلدى