ئەردوغان «ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى!» پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى
تۈركىيە
ئەردوغان «ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى!» پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «CAKE NOT HATE» (ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى) پائالىيىتىنىڭ باشلىغان ئۆسمۈرنى كۈتۈۋالدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تېييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا 12 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئوتىزىملىق (روھىي يېتىلىشى نورمالسىز) پائالىيەتچى جوشۇئا خاررىسنى كۈتۈۋالدى. خاررىس ئەنگلىيەنىڭ پېتېربوروغ شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە قارىتىلغان ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن «CAKE NOT HATE» (ئۆچمەنلىكنى ئەمەس، پاستىنى تاللايلى) پائالىيىتىنى باشلىغان ھەمدە ئىسلاموفوبىيەگە (ئىسلام ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىغا) قارشى بىر ھەمكارلىق ئۈلگىسى يارىتىپ، ئۆيدە پىشۇرغان پاستىلارنى مەسچىتتىكى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا تارقاتقان ئىدى.

تەھدىتلەرگە قارىماي، جوشۇئا ۋە ئاتىسى دان خاررىس  بۇ تەشەببۇسنى كېڭەيتىپ، ئەنگلىيە مىقياسىدا 100 دىن ئارتۇق مەسچىتنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئىستانبۇلدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، تارىخىي سۇلەيمانىيە جامىسىدىن باشلاپ مەسچىتلەردە ئۆيدە پىشۇرۇلغان پاستىلارنى تارقىتىپ بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
97 ياشلىق ئايال جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇخبىرلارغا ئاۋاز بومبىسى ئاتتى
ئىسىرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا، لىۋان يېزىلىرىغا خىمىيەلىك بومبا ئاتقان
82 ياشلىق پەلەستىنلىك ئامېرىكا پۇقراسى ئاۋاز بومبىسىدا يارىلاندى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسىرائىلىيە لىۋانغا قارشى ئۇرۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىران كېمىلىرىدىن بىرى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتتى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ئاتالمىش «سېرىق سىزىق» قانداقلارچە «قىزىل رايون»غا ئايلاندۇرۇلدى