خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋىدېيو
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يەمەن خۇسىيلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ باياناتىدا، يەمەندىكى خۇسىي ئىسيانچىلىرى پەيشەنبە (6-ئاۋغۇست) كۈنى كېچىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا پادىشاھلىقنىڭ جەنۇبىدا 11 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھۇجۇم تۆت يىلدىن ئاشقان توقۇنۇش جەريانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا پۇقرالار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھۇجۇملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىگە ئېلىندى.

ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، يارىلانغانلار ئارىسىدا يەتتە نەپەر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك يارىسى ئالغان بىر ئايال ۋە تۆت ياشلىق بىر بالىدىن باشقا،  بىر يەمەنلىك، ئىككى مىسىرلىق ۋە بىر پاكىستانلىق پۇقرانىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا سۆز قىلغان ھەربىي خادىملار، نەجران رايونىدىكى ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتىغا دىققەت تارتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇم ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار يەمەننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرق ئۆلكىلىرىدە 58 ئەسكەر ئۆلگەن، 50 كىشى يارىلانغان قانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتۈپلا يۈز بەرگەن.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
سۇنگۇر ھەرىكەتچان ھاۋا نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلدى
مېكسىكادا بىر كىشى بىر بالىنى ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىدا قېلىشتىن ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە قۇتقۇزۇۋالدى
ئىيوردانىيەدە بىر ئەر ۋە بىر قىز بالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان پەيتى
ھىندونېزىيەدە بىر كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى ئۆلدى، 129 كىشى يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە غەززە شەھىرىدە ئىككى پەلەستىنلىك شېھىت بولدى
سموترىچ پەلەستىنلىكلەرنى كوللېكتىپ ھالدا مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە چاقىردى
ئىسىرائىلىيە لىۋاندا يەر تەۋرەشكە سەۋەب بولدى
ئىران ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئاپپاراتىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
غەززە ھۆججەتلىك فىلىمى ۋېنېتسىيەدە ئالقىشقا ئېرىشتى
تاماق ئۆچىرىتىدىكى بىر كىچىك قىزنىڭ كۆز ياشلىرى