ئوكلاخومادا چاقماق چېقىپ غايەت زور يېقىلغۇ باكىنىڭ پارتلىشى ۋە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
17-ئاۋغۇست كۈنى ئوكلاخومانىڭ گلېنپۇل شەھىرىدىكى «Explorer Pipeline» شىركىتى ئەتراپىدا چاقماق چېقىپ، ئىككى گاز باكىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاش نەتىجىسىدە غايەت زور ئوت شارى پەيدا بولۇپ، قويۇق قارا ئىس-تۈتەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئەسنادا، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېقىن ئەتراپتىكى سودا ئورۇنلىرى ۋە تۇرالغۇلارنى تارقاقلاشتۇرغان.
«Explorer Pipeline» شىركىتى ئوت ئاپىتىنىڭ تەبىئىي بېنزىن ساقلانغان ئۈچ باكتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.