15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
تۈركىيە
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
15-ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 10 يىل بولدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) سۇيىقەست بىلەن ئورۇنلاشقان دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن تازىلاندى.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە تولۇق مۇستەقىل نىشانىنى بويلاپ تاشلانغان قەدەملەر ۋە بۇ دائىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر

15-ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى  يۈز بەرگىنىگە 10 يىل بولدى. مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) سۇيىقەست بىلەن ئورۇنلاشقان دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن تازىلاندى. ئۆتكەن 10 يىلدا خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى جەھەتتە زور بۇرۇلۇشلار يۈز بەردى. ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىدىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى قەدەملەر تاشلاندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېنېرگىيەدە تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە نىشانى بويىچە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

 يەرلىك ۋە مىللىي ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىرى يولغا قويۇلدى. تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى TANAP قا ئوخشاش خەلقئارالىق پىلان لايىھەلىرى؛ كان سىياسىتى ۋە تېخنىكىلىق بۇرۇلۇش قاتارلىق تېمىلاردا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.

 «ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى» ناملىق سىنلىق خەۋەرلىرىمىزنىڭ بۇ سانىدا، بارلىق بۇ تېمىلارنى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ئوكتار تانرىسەۋەر بىلەن سۆھبەتلىشىمىز.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
97 ياشلىق ئايال جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى
ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى مۇخبىرلارغا ئاۋاز بومبىسى ئاتتى
ئىسىرائىلىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى جەريانىدا، لىۋان يېزىلىرىغا خىمىيەلىك بومبا ئاتقان
82 ياشلىق پەلەستىنلىك ئامېرىكا پۇقراسى ئاۋاز بومبىسىدا يارىلاندى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسىرائىلىيە لىۋانغا قارشى ئۇرۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىران كېمىلىرىدىن بىرى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتتى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ئاتالمىش «سېرىق سىزىق» قانداقلارچە «قىزىل رايون»غا ئايلاندۇرۇلدى