سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىك ئىچىدە ھەربىي ئارىلىشىشقا ھوقۇق بېرىش پەرمانىغا ئىمزا قويدى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان بىر پەيتتە، ئۆزىگە ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە نېفىت ساھەسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن پەرمانغا ئىمزا قويدى.
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىك ئىچىدە ھەربىي ئارىلىشىشقا ھوقۇق بېرىش پەرمانىغا ئىمزا قويدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىك ئىچىدە ھەربىي ئارىلىشىشقا ھوقۇق بېرىش پەرمانىغا ئىمزا قويدى / AP

ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلكى رودرىگۇزنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھەربىي ھۇجۇم يۈز بەرگەندە ئۇنىڭغا دائىرىسى كېڭەيتىلگەن بىخەتەرلىك ھوقۇقى بېرىدىغان پەرمانغا ئىمزا قويغان.

بۇ پەرمان مادۇروغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش، ھەمدە ھەربىي ئىشلار ۋە نېفىت سانائىتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

رودرىگۇز دىپلوماتلارغا بۇ پەرماننىڭ مادۇرونىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پەرماننىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ ھوقۇق 90 كۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، يەنە 90 كۈن يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

بۇ ھەرىكەت ئامېرىكانىڭ رايوندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارىب دېڭىزىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

مادۇرو ھۆكۈمىتى بولسا ۋاشىنگىتوننىڭ مادۇرونى ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋېنېزۇئېلادىن زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئېلىپ ماڭغان بىرقانچە پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتتىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بىر قىسىم خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

رودرىگۇز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تىلغا ئېلىپ:  «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەڭچىسى ماركو رۇبىيونىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەرىكىتى تەھدىت» دېدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭاغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

پەرماندا كاراكاس بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ۋاشىنگىتون مادۇرو ھۆكۈمىتىنى چىرىكلىك، باستۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ۋېنېزۇئېلا بولسا: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى ھەم ۋېنېزۇئېلا ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت» دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى ۋە سىياسىي جەھەتتىن يولغا قويۇۋاتقان يېتىم قالدۇرۇش تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

 مادۇرو ھۆكۈمىتى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن ھوقۇقلارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى