سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بىر پەيتتە، ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكاغا قارشى «قوراللىق كۈرەش» قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى
/ AP

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلانىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىكولاس مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر دۆلىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، «قوراللىق كۈرەش» قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مادۇرو تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلغان نۇتىقىدا مۇنداق دېدى:

 «بۈگۈنكى كۈندە ۋېنېزۇئېلانىڭ مىللىي كۈچى تېخىمۇ زور بولۇپ، خەلقى تېخىمۇ بىر گەۋدىلەشكەن ھالەتتە تۇرماقتا. ئەگەر بىز قوراللىق كۈرەشكە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولساق، مۇستەقىللىقىمىزنى قوغداشقا ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا تىنچلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»

ئۇ، ۋاشىنگتوننى تاجاۋۇز قىلىش باھانىسى بىلەن ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەربىي ۋەقە پەيدا قىلىش ئىدى. بىز ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە ئالدانمىدۇق ھەم ئالدانمايمىز.»

مادۇرو زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دەۋالىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىلغان باھانە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«زەھەرلىك چېكىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ھېكايىسىنىڭ بىر سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. تالاش-تارتىش نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ. دەرۋەقە، ئۇلار دۆلەتنىڭ نېفىت زاپىسىنى كونترول قىلىش ۋە بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

پىرېزىدېنت مادۇرو كارىب دېڭىزىنى «قورال - ياراغلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار» بىلەن تولدۇرۇشنىڭ چوڭ بىر توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭ بوزەك قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش، ۋېنېزۇئېلانى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر ۋە ئالتۇنىمىزنى تارتىۋېلىش ھەم ئوغرىلاش ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.»

ئۇ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن كېيىن ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى يولدا داۋاملىشىۋاتقان ئالاقە شۇ ۋاقىتتا زىيانغا ئۇچرىدى.

بۈگۈن بومبا تەھدىتلىرى، ئۆلۈم تەھدىتلىرى ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئالاقىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغانلىقىنى ھەممەيلەنگە جاكارلايمەن.»

ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى «ئۆلۈم ۋە ئۇرۇشنىڭ خوجايىنى» دەپ ئەيىبلىدى.

مادۇرو باياناتىنى ئېلان قىلىپ بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2 – سېنتەبىردىكى بىر ھۇجۇمدا 11 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلادىن زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقان بىر پاراخوتقا يەنە ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئاقساراي ياز پەسلىدە « (Cartel de los Soles) كۈنلەر كارتېلى» ناملىق تەشكىلاتنى ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

ئامېرىكا يەنە مادۇرونىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۈچۈن 50 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىشنى تەكلىپ قىلدى ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كارىب دېڭىزىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى