مادۇرو ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىك ئىچىدە ھەربىي ئارىلىشىشقا ھوقۇق بېرىش پەرمانىغا ئىمزا قويدى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان بىر پەيتتە، ئۆزىگە ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە نېفىت ساھەسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن پەرمانغا ئىمزا قويدى.
ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلكى رودرىگۇزنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھەربىي ھۇجۇم يۈز بەرگەندە ئۇنىڭغا دائىرىسى كېڭەيتىلگەن بىخەتەرلىك ھوقۇقى بېرىدىغان پەرمانغا ئىمزا قويغان.
بۇ پەرمان مادۇروغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش، ھەمدە ھەربىي ئىشلار ۋە نېفىت سانائىتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.
رودرىگۇز دىپلوماتلارغا بۇ پەرماننىڭ مادۇرونىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پەرماننىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، بۇ ھوقۇق 90 كۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، يەنە 90 كۈن يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
بۇ ھەرىكەت ئامېرىكانىڭ رايوندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارىب دېڭىزىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
مادۇرو ھۆكۈمىتى بولسا ۋاشىنگىتوننىڭ مادۇرونى ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋېنېزۇئېلادىن زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ ماڭغان بىرقانچە پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتتىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.
بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بىر قىسىم خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
رودرىگۇز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەڭچىسى ماركو رۇبىيونىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەرىكىتى تەھدىت» دېدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭاغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.
پەرماندا كاراكاس بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ۋاشىنگىتون مادۇرو ھۆكۈمىتىنى چىرىكلىك، باستۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ۋېنېزۇئېلا بولسا: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرى ھەم ۋېنېزۇئېلا ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت» دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى ۋە سىياسىي جەھەتتىن يولغا قويۇۋاتقان يېتىم قالدۇرۇش تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
مادۇرو ھۆكۈمىتى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن ھوقۇقلارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.