سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى  ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن باشلاپ، قىسىملارنىڭ يېڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش لىنىيەسى بويىچە ئورۇنلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى / AP

ئىسرائىلىيە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2025 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر چۈشتە (گىرىنۋىچ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دا)  يولغا قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسرائىلىيە ۋاقتى چۈش سائەت 12:00 دە يولغا قويۇلدى. چۈش سائەت 12:00 دىن باشلاپ، قىسىملار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قايتۇرۇش دائىرىسىدە بېكىتىلگەن يېڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش لىنىيەسى بويىچە ئورۇنلاشتى» دېيىلدى.

باياناتتا، قىسىملارنىڭ جەنۇبتىكى قوماندانلىق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە «ھەرقانداق جىددىي تەھدىتنى تۈگىتىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

رايوندىن خەۋەر بەرگەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش باشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىڭلىغان پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەررەشىد  ۋە سەلاھۇددىن يوللىرىنىڭ ئۆتۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىن غەززە شەھىرىگە ئەررەشىد يولى ئارقىلىق قايتىشقا باشلىغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى غەززەدىن باسقۇچلۇق ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى باشلىدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىدا بەلگىلەنگەن رايونلارغا چېكىنىش جەريانى 24 سائەت ئىچىدە تاماملىنىدىكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باسقۇچلۇق چېكىنىش جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن تاماملىنىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شەرقىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى