غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شەرقىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھ ۋە خان يۇنۇس بىلەن غەززەنىڭ شىمالىدىن شەرققە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شەرقىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شەرقىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى / Reuters

ئىسرائىلىيەنىڭ 12-قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ ۋە خان يۇنۇس بىلەن غەززەنىڭ شىمالىدىن شەرققە قاراپ چېكىنىپ، ئىسرائىلىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن رايونلارغا قاراپ باسقۇچلۇق ھالدا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان.

ئىسرائىلىيە 12-قانىلىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ئالدىمىزدىكى 24 سائەت ئىچىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ترامپ پىلانى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان سېرىق سىزىققا قاراپ غەززە ئىچىدىكى بەلگىلىك رايونلاردىن چېكىنىشنى تاماملايدۇ.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ ۋە خان يۇنۇستىن (جەنۇبىي) ۋە غەززەنىڭ شىمالىدىن شەرققە قاراپ چېكىنىپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسىغا يېقىنلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ كېلىشىم تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىدە ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن ھاسىل قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىسرائىلىيە كابېنتى غەززە كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى