سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلا نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى
ۋېنېزۇئېلا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان ئۆكتىچى رەھبەرگە تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندىن كېيىن نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى.
ۋېنېزۇئېلا نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى
ۋېنېزۇئېلا نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى / Reuters

كاراكاس ئوسلودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تاقىلىشىنى، بايلىقلارنى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەڭشەشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.

ۋېنېزۇئېلا نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى مارىيا كورىنا ماچادوغىغا بەرگەندىن كېيىن، نورۋېگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاش قارارىنى ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قارارنىڭ «تاشقى ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك قايتا تەڭشەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى» دائىرىسىدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن مۇكاپات ھەققىدە بىۋاسىتە پىكىر بايان قىلمىدى.

مىنىستىرلىق بۇ قەدەمنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى قايتا تەڭشەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىمۇ تاقايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مۇلازىمەتلەرنى تەڭشەشنىڭ ئاساسلىق نىشانى، دۆلەت بايلىقلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقىمىزنى قايتا بېكىتىش ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۆزئارا تەرەققىيات ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشتۇر.

 بۇ ھەرىكەتلەر ۋېنېزۇئېلانىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئادالەت، ھەمكارلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش توغرىسىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەلچىخانىنىڭ تاقىلىشىدىن ئەپەسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇقتۇرۇش، نوبېل كومىتېتىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىنى ماچادوغىغا «ۋېنېزۇئېلا خەلقى ئۈچۈن دېموكراتىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قەتئىي تىرىشچانلىقى، دىكتاتورلۇقتىن باسقۇچىدىن دېموكراتىيە باسقۇچىغا ئادىل ۋە تىنچ شەكىلدە ئۆتۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈرىشى» ئۈچۈن بەرگەندىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ماچادو مۇكاپاتنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا بېغىشلىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادو 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

 «ۋاقىت توشتى»

 

ماچادو يوشۇرۇنغان يېرىدىن AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنت مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرمۇ تىنچ يول بىلەن ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«مادۇرو ھازىرمۇ تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈنچى باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرىلەش پۇرسىتىگە ئىگە.

ئەگەر ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرسا، نەتىجىسىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى ئۆتكۈزۈلمىسۇن، ئۇ ھامان بىر كۈنى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ماچادو غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىدى

 ماچادو ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى

 

ماچادو غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىغان ئىلگىرىكى X سەھىپىسىدىكى يازمىلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.

 2021-يىلى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، ئىسرائىلىيەنى «ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە غەرب قىممەت قاراشلىرىنى قوغدايدىغانلارنىڭ «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى» يازغان ئىدى.

قورشاۋ ئاستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن تەسىرلەنمىگەن ماچادو، ئەگەر سايلانسا، ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقىنىمۇ دائىم دېگۈدەك تەكرارلىماقتا.

ماچادو بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانىلىغا بەرگەن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىمىزنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

مارىيا كورىنا ماچادو يەنە: «بىر كۈنى ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمەن. بۇ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قوللىشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئۈچ ئالىمغا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى بېرىلدى

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز