سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پەزەشكىيان ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشىنى توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان دۆلەتتە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئورۇن يوقلۇقىنى ۋە تېھراننىڭ ئەسلا يادرو قوراللىرى ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەزەشكىيان ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشىنى توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى
پەزەشكىيان ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشىنى توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى / AP

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئامېرىكانى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشىنى توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

پەزەشكىيان يەكشەنبە كۈنى Fox News قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە قانال تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان سۆھبىتىدە، خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ قايتا يولغا قويۇلغانلىقىغا قارىماي، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەزەشكىيان: «بىز ھېچقاچان تىنچلىقنى نىشان قىلىدىغان يادرو پىروگراممىسىدىن باشقا يوللار ھەققىدە ئىزدەنمىدۇق. يادرو قوراللىرى ياكى ھەرقانداق كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئورۇن يوق. بىز ھېچقاچان يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش يولىدا ئىزدەنمىدۇق ۋە ئەسلا ئىزدەنمەيمىز» دېدى.

ئاخىرقى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ دۆلەتكە سىڭىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىگەن پەزەشكىيان: «بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى، ھەمدە تېل ئاۋىۋنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرنى خالىغانچە دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى

 «Snapback» (ئەسلىگە قايتىش مېخانىزمى)

 

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن «ئەسلىگە قايتىش مېخانىزمى» نى ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ مېخانىزم ئىراننىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمىغان ئەھۋالدا ئېمبارگولارنىڭ 30 كۈن ئىچىدە قايتا يولغا قويۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تېھران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو كۆزەتكۈچىسى بولغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (UAEA) بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختاتقان ھەمدە ئورگاننىڭ ئۆزىگە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى نىشان قىلدى. ترامپ ھاكىمىيىتى دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش مۇئەسسەسەلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئىران زىياننىڭ كۆلىمىنى تالاش-تارتىشلىق دەپ قارىماقتا.

 يەكشەنبە كۈنى ئۈچ دۆلەت تېھراننى يادرو مەجبۇرىيەتلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىدىن كېيىن، ئېمبارگولار ئون يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم قايتا يولغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەر تېھراننىڭ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كەڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا