غەززەدە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىدۇ
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنىڭ غەززەدە شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش نېتزارىم كارىدورىدا شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى بويىچە ئەتىگەن سائەت 05:00) باشلىنىپ، غەززەنىڭ خان يۇنۇس رايونىدا سائەت 10 دا داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
ئىسرائىلىيەلىكلەر تېل ئاۋىۋنىڭ پەلەستىن ئولتۇراق رايونى غەززەگە قارىتا ئىككى يىللىق ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇشىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە، ۋەيران بولغان غەززەدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئاخىرقى 20 نەپەر ئەسىرنى قارشى ئېلىشقا تەييارلانماقتا.
پەلەستىنلىكلەر بولسا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلەرچە تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتمەكتە.
بۇ ئۆزگىرىش مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىدىن بىرنەچچە سائەت بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى.
بۇ باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
باشلىقلار يىغىنىغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2– ئابدۇللاھ، بەھرەين پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئەلخەلىفە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جيورجىيا مېلونى، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرېدرىچ مېرزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق دۇنيا رەھبىرىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مىسىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ باشلىقلار يىغىنى «غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش، رايونلۇق بىخەتەرلىك ھەم مۇقىملىق ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش» نى نىشان قىلىدىكەن.