سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 24 كىشى ئۆلدى
پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خەيبەر، باجاۋۇر ۋە غەربىي شىمالدىكى باشقا رايونلاردا «پاكىستان تالىبانلىرى» ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا  24 كىشى ئۆلدى
پاکیستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيدى، كۆپىنچىسىنى پاكيستان طالبانلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. / فوتو: رويتېرز / Reuters

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىدىكى تىراھ ۋادىسىدا پاكىستان تالىبانلىرىغا قاراشلىق تېررورچىلارنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنىدا ساقلانغان بومبا ياساش ماتېرىياللىرى پارتلىغان. پارتلاشتا تېررورچىلار ۋە پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولغان.

 يەرلىك ساقچى خادىمى زەفەر خاننىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ، كەم دېگەندە 14 تېررورچى ئۆلگەن.

خاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «پاكىستان تالىبانلىرى» دەپ تونۇلغان تەھرىكى-تالىبان پاكىستان تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىككى يەرلىك قوماندان ئامان گۇل ۋە مەسئۇد خان بۇ يوشۇرۇنۇش ئورنىدا يوشۇرۇنۇپ، بۇ جاينى يول بويىغا بومبا ياساش زاۋۇتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. شۇنداقلا تەھرىكى-تالىبان پاكىستان تەشكىلاتى تېررورچىلىرى پۇقرالارنى قالقان قىلىپ ئىشلەتكەن.

پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەھرىكى-تالىبان پاكىستان تېررورچىلىرىغا قارشى خەيبەر، باجاۋۇر ۋە غەربىي شىمالدىكى باشقا رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پاكىستاندا كۆپىنچىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەھرىكى-تالىبان پاكىستان ئۆز ئۈستىگە ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە. تەھرىكى-تالىبان پاكىستان ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش بىر گۇرۇھ بولسىمۇ، ئايرىم بىر تەشكىلات سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ 2021-يىلى قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن بۇيان تەھرىكى-تالىبان پاكىستاننىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. نۇرغۇن تەھرىكى-تالىبان پاكىستان رەھبەرلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا پاناھلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 16 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى