ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب دۆلەتلىرى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
پەلەستىننىڭ بەزى غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئىسرائىلىيەنى غەزەپلەندۈردى، ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەرەب دۆلەتلىرى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
/ Reuters

ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بەزى غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋىستىرالىيە ۋە پورتۇگالىيە تەرىپىدىن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ دوست دۆلەتلەر تىنچلىق يولىنى قوللاش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان قانۇنلۇق ب د ت قارارلىرى بويىچە ئىلگىرىلەش توغرىسىدىكى سەمىمىي ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.»

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، بۇ قەدەمنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشقا تۆھپە قوشىدۇ. رايوندا بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلىشىغا توغرا كېلىدۇ.»

ئومانمۇ بۇ ئۆزگىرىشنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ۋە رايونلۇق بىخەتەرلىك ھەم تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلانغان ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى.

ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېخى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنى «پەلەستىن خەلقىنىڭ 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا، پايتەختى شەرق قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن» پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئىيوردانىيە خان جەمەتى سارىيىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 - ئابدۇللاھ نىيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ماختىغان.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ «ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى» يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى بۇ باياناتلارنى «ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ھەم تارىخىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىدى.

ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋىستىرالىيە ۋە پورتۇگالىيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.

نۆۋەتتە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلماقتا. ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيە ئالدىنقى يىلى بۇ ئېتىراپ قىلىشنى رەسمىيلەشتۈرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ياۋروپا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقنى بېسىۋېلىش پىلانى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئىزدىنىڭ
غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتىدىكى 18 تۈركىيە پۇقراسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى
ھېرزوگنىڭ ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرەلمەي، ئۇزۇن بىر لىنىيە ئارقىلىق قازاقىستانغا باردى
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى