سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقنى بېسىۋېلىش پىلانى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بەزى جايلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ياۋروپا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقنى بېسىۋېلىش پىلانى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
/ AA

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بەزى جايلىرىنى بېسىۋېلىش پىلانى توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ «‹قانال 2› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرنەچچە ياۋروپا ئەمەلدارى يەكشەنبە كۈنى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

دائىرىلەر: «بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بەرپا قىلىنغان ھەممە نەرسىنى يوقىتىشنى خالىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا جاۋابەن، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەزى رايونلارنى بېسىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئېلان قىلغان بىر سىنلىق باياناتتا، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ «تېررورىزمغا مۇكاپات بەرگەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى.

نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان توسۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ يەنە، ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا قانۇنسىز ھالدا بەرپا قىلىنغان يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سانىنى ھازىردىن باشلاپ ئىككى ھەسسە كۆپەيتكەنلىكىنى ماختانغان ھالدا تىلغا ئالدى ۋە بۇلارنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەمىنە ئەردوغان ئورتاق خىتابنامەگە ئىمزا قويدى

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى