غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇران: ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىدە «سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دۇران: ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
دۇران: ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ / Anadolu Agency

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران خەلقئارا جەمئىيەتنى ئادالەتنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا 67 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەت دەپ ئاتىدى.

دۇران تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ «پەقەت پەلەستىن خەلقىنىڭ پاجىئەسىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا تەرتىپ، قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلار ۋەيران بولغان ۋە گۇمان تۇغدۇرۇۋاتقان نومۇس قىلارلىق بىر ھۆججەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئەدلىيە مېخانىزمىلىرىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇران سەيشەنبە كۈنىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردە غەززەگە باشلىغان ھۇجۇملىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بومباردىمانلار، قورشاۋ ۋە سىستېمىلىق ۋەيرانچىلىق ئون مىڭلىغان پۇقرانىڭ، ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىر خەلق ياشاۋاتقان تۇپراقلىرىدىن، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىر <توقۇنۇش> ئەمەس، ئەكسىچە سىستېمىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، ئىشغالىيەتتۇر.»

دۇران تۈركىيەنىڭ دەسلەپتىن تارتىپلا بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئادالەت، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، دىپلوماتىك مۇنبەرلەردە ۋە ئىنسانىي ياردەم ساھەسىدە بۇ پوزىتسىيە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلماقتا. تاكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغانغا، ئەدلىيە رېئاللىققا ئايلانغانغا قەدەر بۇ كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

ئۇ يەنە، رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن «تۈگىمەس ئىرقىي قىرغىنچىلىق: غەززە» ناملىق بىر ۋىدېيونىمۇ ئورتاقلاشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - «غەززە بالىلىرى ئاچ بولسا، بىزمۇ ئاچ قالىمىز»... ئاچلىق ئېلانلىرى دولقۇنسىمان شەكىلدە كېڭەيمەكتە

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى