تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نىيۇ يورك زىيارىتى ۋە ئارقىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى تاماملىدى. ئەردوغان بۇ زىيارەتنى تۈركىيە دىپلوماتىيەسى نۇقتىسىدىن «ئۇنۇملۇك، نەتىجىلىك ۋە تارىخىي» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئەردوغان غەززەنىڭ ئالاھىدە ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن بۇ يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىللىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا بولۇپمۇ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئومۇمەن پەلەستىن دەۋاسى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا ئون غەرب دۆلىتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى.
بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداق قىلىپ، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 150 دىن ئاشتى. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاشنىڭ ھەم ساپاسى ھەم قوللاۋاتقان دۆلەتلەر سانىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن، بۇ قوللاشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى لازىم.»
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ «پەرۋاسىزلارچى ھەرىكەتلىرى ۋە ئىشغالىيەت سىياسەتلىرى بىلەن» بۇ تىرىشچانلىقلارنى بېسىقتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، غەززە مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتىقىدا، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق يىغىنىدا ھەمدە فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەئىسلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر يىغىندا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە قىبرىس مەسىلىسى، سۈرىيە ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدىكى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىنسانىي ۋە مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئىككى تەرەپلىك سودا نىشانى: 100 مىليارد دوللار
ئىككى تەرەپلىك كۈنتەرتىپ ھەققىدە قايتا توختالغان ئەردوغان، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە سودا، مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىككى رەھبەر، 100 مىليارد دوللارلىق ئىككى تەرەپلىك سودا نىشانىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، تاموژنا باجلىرى ۋە باشقا سودىنى ئاسانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇداپىئە ھەمكارلىقى مەسىلىسىنىڭمۇ «ئىلمىي نۇقتىئىينەزەر» ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان، سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنىڭ غەززە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاقسارايدا ناھايىتى ياخشى قارشى ئېلىندۇق. مۇھىت سەمىمىي، ئۇنۇملۇك ۋە نەتىجىلىك ئىدى» دېگەن ئەردوغان: «ھۆرمەتلىك ترامپ ئەپەندىممۇ ئوچۇق سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆز قاراشلىرىنى تارتىنماي ئىپادىلەيدىغان بىر سىياسەتچى. چاپلانغان تۆھمەتلەر بىلەن بۇلغىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە گۈزەل بىر زىيارەت ئىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»
غەززە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ئىنسانىي تىراگېدىيەنى بىۋاسىتە ترامپقا يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بىزمۇ غەززەدە ۋە پەلەستىننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا، ئاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق. ئۇ يەردە بىر چۈشىنىش بىرلىكى شەكىللەندى.
ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان فورمۇلا ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدۇق. بالىلار، ئاياللار ۋە بىگۇناھ پۇقرالار جېنىدىن ئايرىلىۋاتقان بىر مەنزىرىنى خەۋپسىزلىك سەۋەبى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
تۈركىيە بۇ مەسىلىنى <غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تىنچلىق ئورنىتىلمىغۇچە> خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»
ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتىقىدا كۆرسەتكەن غەززەدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئەزىيەت چېكىۋاتقان بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى. «سۆز ئاجىز كەلگەن يەردە سۈرەتلەر بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ بارغانسېرى يېتىم قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن دۆلەتلەر، <ئادالەت يەنىلا مەۋجۇت، ۋىجدان يەنىلا ئويغاق> دېگەن سىگنالنى ناھايىتى كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.
سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى
رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى، بولۇپمۇ سۈرىيە، لىۋان ۋە يەمەندىكى ھۇجۇملىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. نىيۇ يوركتا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلىشىدا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئورنى بولمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
يەنە تۈركىيەنىڭ مىسىر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق دېڭىز مانېۋرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ھەم مىسىر ھەم لىۋىيە بىلەن ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ، ئاقدېڭىزدىكى بايلىقلار توغرىسىدا «ھەممە تەڭ پايدا ئېلىش» كېلىشىملىرىنى تۈزۈش يولىدا ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئەردوغان قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
«فېدېراتسىيە مەسىلىسىنىڭ بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان مۇددىتى توشتى. شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، مەسىلىنى بىردىنبىر رېئال ھەل قىلىش چارىسى ئىككى ئايرىم دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشتۇر. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يېقىنلىشىۋاتقان سايلاملار ئەنقەرەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاخىرىدا، تاشقى تەھدىت ئالدىدا مىللىي بىرلىكنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، بۇرۇندىن تارتىپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «مىللىي بىرلىكنى كۈچەيتىش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى. تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە، تېخنولوگىيە ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» نىشانىغا يۈزلەنگەن پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى بايان قىلدى.
ئەردوغان سۆزلىرىنى: «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز تىنچلىققا ئاساسلىنىدۇ. چۈنكى ئادىل بىر تىنچلىقنىڭ ئۇتتۇرغۇچىسى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاققان قان توختىمىغۇچە، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.
