سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى «ھەققانىي ئۇرۇش» تا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە «ھەققانىي كۈرەش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئۇرۇشىدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پۇتىن: رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى «ھەققانىي ئۇرۇش» تا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى
پۇتىن: رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى «ھەققانىي ئۇرۇش» تا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى / AP

پۇتىننىڭ بۇ باياناتى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك ئوبلاستىدىكى مۇھىم رايونلاردا يەنە ئىككى فىرونت لىنىيەسى بويىدىكى ئولتۇراق رايوننى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

پۇتىن دۈشەنبە كۈنى كىرېمىل سارىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر سىنلىق باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ۋە قوماندانلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتىدۇ، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن رۇسىيە بۇ ھەققانىي كۈرەشنى ئېلىپ بېرىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز بىرلىكتە ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇمىزنى ۋە تارىخىي تەقدىرىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداۋاتىمىز، جەڭ قىلىۋاتىمىز ھەمدە غەلىبە قىلىۋاتىمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە باشقا ياۋروپالىق رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بارغان باشلىقلار ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.

 ئاچۇق مەنبەلىك ئۇرۇش خەرىتىلىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى تەخمىنەن 114 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كەڭ رايوننى، يەنى ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ %19 نى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتماقتا.

ترامپ ئالدىنقى ھەپتە ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى رۇسىيەدىن قايتۇرۇۋېلىش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ۋاشىنگتونمۇ كىيېۋنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن «توماخاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەلىپى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ياۋروپانى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى

 دونېتسىكتا تېخىمۇ كۆپ ئالغا ئىلگىرىلەش

 

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جەڭ مەيدانىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك ئوبلاستىدىكى مۇھىم رايونلاردا يەنە ئىككى فىرونت لىنىيەسى بويىدىكى ئولتۇراق رايوننى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بۇ ئىككى يېزا توغرىسىدىكى رۇسىيەنىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرمىدى. زېلېنسكىي دونېتسىك ئوبلاستىدىكى دوبوپىللىيا يېزىسىغا يېقىن جايدىكى كىيېۋنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موسكۋانىڭ دونېتسىك ئوبلاستى ئارقىلىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىشى جەريانىدا ئىشغال قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقان مەركەزلەردىن بىرى بولغان سلوۋىيانسك شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شاندىرىغولوف ۋە زارىچنېنىڭ ھازىر رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق كېيىنچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلايۇسوفنىڭ زارىچنېنىڭ – سوۋېت دەۋرىدە كىروفىسك دەپ ئاتالغان – ئىشغال قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان «باتۇر ۋە قەتئىي» ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھەربىي قىسىم تەبرىكلەنگەن ئىككىنچى بىر باياناتنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىنادىن-بىناغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ۋە شاندىرىغولوفنى كونترول ئاستىغا ئېلىۋاتقاندا رۇسىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى