ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئىسلامئاباد - رىياد مۇداپىئە كېلىشىمىنى ماختىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرى ئىسلامئاباد - رىياد كېلىشىمىنىڭ ئىككى دۆلەتكە بارلىق ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئىسلامئاباد - رىياد مۇداپىئە كېلىشىمىنى ماختىدى
/ AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ19-كۈنى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرى رىياد بىلەن ئىسلامئاباد ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىمىنى، ئىككى دۆلەتكە ھېچقانداق چەكلىمىسىز بارلىق ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان بىر «مۇداپىئە قالقىنى» دەپ ئاتىدى.

چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان رىيادتا پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم «خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىشنى، رايوندا ھەم دۇنيادا تىنچلىققا تۆھپە قوشۇشنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۇجۇمغا قارشى ئورتاق مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى» مەقسەت قىلىدىكەن.

كېلىشىمدە يەنە «ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلغان ھۇجۇم، ھەر ئىككى دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ كېلىشىم ئۇزۇن يىللىق سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى. ئۇ بەلگىلىك دۆلەتلەرگە ياكى ۋەقەلەرگە قارىتىلغان جاۋاب ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەمكارلىقنىڭ رەسمىيلىشىشىدۇر» دېدى.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار، كېلىشىمنىڭ يادرو مۇداپىئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بۇ، بارلىق ھەربىي ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە كېلىشىمىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پاكىستان ھەرقانداق تاجاۋۇزچىغا قارشى بىر گەۋدە ھالىتىدىكى جەڭ سېپى بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ۋە مەڭگۈلۈك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردۇر.»

«ئوقاز گېزىتى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان شەھەرلىرىدىكى مۇنارلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان بايراقلىرى بىلەن يورۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 يادرو مۇداپىئەسى

 

«ئوقاز گېزىتى» يازغۇچى مۇتئەب ئەلئاۋادنىڭ مۇداپىئە كېلىشىمىنى مەدھىيەلەپ يازغان بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

«ئىسلام سېپىنىڭ تارىخىي كۈچىيىشى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى پاكىستاننىڭ يادرو مۇداپىئەسى كۈچى بىلەن تاماملىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدە، كېلىشىم سايىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە «تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇھىم بىر باسقۇچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى» بايان قىلىندى.

ئەلئاۋاد كېلىشىمنى «رايونلۇق مۇداپىئە كۈچىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى» دەپ ئاتىدى، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يازغۇچىنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلغار ھەربىي ئىقتىدارى ئارقىلىق رايوندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلانغان. ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايلىرىنى قوغدىشىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى ھەم قانۇنلۇق  رەھبىرىگە ئايلاندۇرغان.

ئەلئاۋاد يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ 2030-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانى دائىرىسىدە يەرلىك مۇداپىئە سانائىتى ۋە قورال - ياراغ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىلىرى بىلەن ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېزلىتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭمۇ پادىشاھلىقنى «پارس قولتۇقى ۋە ئىسلام خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان تەھدىتلەرگە قارشى تۇنجى مۇداپىئە سېپى» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يازغۇچى پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ پارس قولتۇقىنى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيانىغا تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ھەمدە كەڭ نوپۇسى ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەجرىبىسىنىڭ، دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئورتاق مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى رولىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ ھەربىي پىلانلاش، ئاخبارات ئالماشتۇرۇش، ئورتاق مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش، دېڭىز ۋە ھاۋا ھەمكارلىقى شۇنداقلا مۇداپىئە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىككى تەرەپلىك ئورتاق خەۋپسىزلىك قالقىنى» شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىر دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، پارس قولتۇقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى قوغداشقا قادىر مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە قالقىنى شەكىللەنمەكتە.»

 كېلىشىمدە «ناتو پىرىنسىپى ئۈلگە قىلىندى»

 

سىياسىي ئانالىزچى مۇنىف ئامماش ئەلھەربىي مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ رىياد ۋە ئىسلامئابادقا بارلىق ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى  يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئەلھەربىي «‹ئەلئەرەبىييە› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ «ئىككى دۆلەتكە مۇداپىئەنى كۈچەيتىش  ئۈچۈن بارلىق ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىستىسناسىز ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارغا سىگنال يوللىغانلىقىنى» بايان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پىنسىيونېر لېيتېنانت گېنېرالى فەيسەل ئەلھەمەدمۇ «‹ئەلئەرەبىييە› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ «ناتونىڭ <بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشنى ھەممىگە ھۇجۇم قىلىش> دەپ قارايدىغان پىرىنسىپىنى ئۈلگە قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ مۇداپىئە كېلىشىمىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

 

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA، ئىسلامئابادتىكى ئېگىز بىنالارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان بايراقلىرى بىلەن يورۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررىياد گېزىتى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلدى، ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«ئەلمەدىنە گېزىتى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ھەمكارلىقنى كۆزدىن كەچۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاندى» سەرلەۋھىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارنىڭ پايتەختىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بەش ھاماس سۆھبەتچىسى بىلەن قاتارلىق بىر خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئىمزالاندى.

بۇ ھۇجۇم، قاتارنىڭ مىسىر ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا  ئۇرۇش توختىتىش ھەم ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خەلقئارالىق ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 65 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

بۇنىڭ سىرتىدا يەنە، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا قالغان تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر بولسا، غەززە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ساننىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئەردوغان: ب د ت نىڭ پەلەستىننى قوللىشى مۇھىم، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت «مۇۋەپپەقىيەتلىك» بولدى
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەر رايونى» غەززەدىكى بىر مىليون پەلەستىنلىكنى سۇدىن مەھرۇم قىلدى
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
ئەرەب دۆلەتلىرى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىسرائىلىيەنى  بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
خاقان فىدان: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆپ تەسىرى يوق
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ھۆججەتلىك فىلىم ۋاشىنگتوندا قويۇلدى