ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن 1968 پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ

پەلەستىن مەھبۇسلىرى ئىش بېجىرىش ئورنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن 1968 پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن 1968 پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ / Reuters

ھاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن تۇنجى تۈركۈمدە يەتتە نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ئىش بېجىرىش ئورنى غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلىدىغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

 ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، جەمئىي 1968 مەھبۇس (بۇنىڭ ئىچىدە 250 نەپىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان) ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدىكەن.

خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش جەريانىنىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىش بېجىرىش ئورنى يەنە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ 143 نەپىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى سىرتىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.