سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن «ئاساسىي سەۋەبلەر» نى تەكىتلىمەكتە
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن ئالدى بىلەن «ئاساسىي سەۋەبلەر» نى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويۇشنى پىلانلىماقتا.
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن «ئاساسىي سەۋەبلەر» نى تەكىتلىمەكتە
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن «ئاساسىي سەۋەبلەر» نى تەكىتلىمەكتە / Reuters

موسكۋا بىريۇسسېلنىڭ رۇسىيەگە قارشى 19-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىنى تەستىقلىشىغا قارىماي، «يۈزەكى» ھەل قىلىش چارىلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەرقانداق تېنچلىق كېلىشىمىدىن مەقسەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توقۇنۇشنىڭ «ئاساسىي سەۋەبلىرى» نى ھەل قىلىش بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۇ بايانات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋاغا قارىتا يېڭى ئېمبارگو پىلانىنى تۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا دۆلەتلىك تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «بىز توقۇنۇشنى ئۇزارتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. دەرۋەقە، بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسى ئۇزۇن مۇددەتلىك تېنچلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى كېرەك.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن خۇلاسە: رەھبەرلەر كۆرۈشتى، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى پەرقنى تۈگىتەلمىدى

 رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولار

 بۇ باياناتلار ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ لىيۇكسېمبۇرگدا بىر يەرگە جەم بولغان ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسئۇلى كاجا كاللاس، ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ رۇسىيەگە قارىتا 19-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانىنىڭ مۇشۇ ھەپتە تەستىقلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

كاللاس يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشنى تەنقىد قىلىپ، بۇ پىكىرنى «ياخشى بولمىغان» بىر ئۆزگىرىش دەپ ئاتىدى.

2022-يىلى فېۋرال ئېيىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى موسكۋانىڭ مالىيە، ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىنى، شۇنداقلا كىرېمىلگە يېقىن مۇھىم ئەمەلدارلار ۋە بايلارنى نىشان قىلغان بىرنەچچە ئېمبارگو پىلانىنى يولغا قويدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە