غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
ئەمىنە ئەردوغان غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان غەززەنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 مىڭ 160 نەپەر بىگۇناھ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قەبرىستانلىققا، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى كۆمۈلگەن تۇپراقلارغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن خەلقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئەخلاق كومپاسىنى يوقاتقان بىر دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيە پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا پەلەستىن خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

لېكىن، زالىمنىڭ زۇلمى كۆپەيگەنسېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىر گەۋدىلەشكەن قەلبلەرنىڭ ساداسىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىماقتا. غەززە ئاخىرقى ئىككى يىلدا 20 مىڭدىن ئارتۇق بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 مىڭ 160 بىگۇناھ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن بىر قەبرىستانلىققا، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى تىرىك كۆمۈلگەن تۇپراقلارغا ئايلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا بىرەر ئەخلاقىي، قانۇنىي، ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەممۇ قالمىدى.»

ئەمىنە ئەردوغان مۇھاسىرە ئاستىدىكى رايونغا قاراپ يولغا چىققان ئاخىرقى غەززەگە ياردەم بېرىش پاراخوت ئەترىتى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلارنىڭ غەززە ئۈچۈن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق سەپەرۋەر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ۋىجدانلىق ھەر بىر كىشىنى تاكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تىنچلىق ئورنىتىلغانغا قەدەر بۇ كۈرەشكە قاتنىشىشقا، پەلەستىن ئۈچۈن ھەمنەپەس بولۇشقا چاقىرىمەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت قىلىنغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، زۇلۇمغا قارشى پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان پەلەستىن خەلقىگە ئاللاھتىن خاتىرجەملىك ۋە غەلىبە ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.»

باياناتتا يەنە، ئەردوغاننىڭ غەززە توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىنى ۋە رايوندىكى ۋەيرانچىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋىدېيوغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەمىنە ئەردوغان ئورتاق خىتابنامەگە ئىمزا قويدى

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى