ئاۋسترالىيە نېتانياھۇنىڭ تەنقىدلىرىگە قارىماي، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى قوللىدى
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، مۇقىم تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى «تېررورىزمغا قارشى بېرىلگەن كۈلكىلىك مۇكاپات» دەپ ئاتىشىغا قارىماي، ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قوللىدى.
ئالبانىس يەكشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ نىيۇ يوركتىكى مەزكىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىد مۇنداق دېدى:
«ئاۋسترالىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ئىككى پارتىيە قوللىغان پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايمىز.»
ئالبانىس ئاۋسترالىيەنىڭ 1948 - يىلى ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشىدا «ئىجابىي رول ئوينىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئەينى ۋاقىتتىمۇ پىلانلانغانىدى» دەپ تەكىتلىدى.
باش مىنىستىر ئالبانىس يەنە، «ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن» دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»
ئالبانىس ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ «ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەلگۈسىدە تىنچ ھەم بىخەتەر بىرلىكتە ياشىيالايدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش نىشانىغا ئېلىپ بارىدىغان قەدەملەرنى» تاشلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئاۋىستىرالىيە ئورتاق گەۋدىسى 2025 – يىلى 21 سىنتەبىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ.»
ئالبانىس بۇ قەدەمنىڭ «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى» نى، ھەمدە كانادا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئوخشاش قارارلىرى بىلەن بىرلىكتە، «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن يېڭى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ شۇ كۈنى ئاۋىستىرالىيە، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئېلان قىلغان ئېتىراپ قىلىش قارارىنى «تېررورىزمغا قارشى بېرىلگەن كۈلكىلىك مۇكاپات» دەپ تەنقىد قىلدى.