ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
Massive Attack گۇرۇپپىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى Carole King نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى ئىسرائىلىيەنى مەدەنىيەت جەھەتتىن بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى ھەمدە چوڭ مۇزىكا شىركەتلىرىنىمۇ ئوخشاش قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.
400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىسرائىلىيەنى  بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
/ Reuters

دۇنيا مىقياسىدا 400 دىن ئارتۇق ناخشىچى ۋە سەنئەتچى ئەسەرلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ رەقەملىك سۇپىلىرىدىن قايتۇرۇۋېلىشنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت جەھەتتىن بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقلىرىنى جاكارلىدى. بۇ بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدا ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ  قاتتىق غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغاپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقلىرىنىمۇ كۈچەيتتى.

«‹Haaretz› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، « No Music for Genocide) <ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن مۇزىكا يوق>  شوئارى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت، سەنئەتچىلەرنى ئەسەرلىرىنى ئىسرائىلىيە سۇپىلىرىدىن قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرماقتا.

بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە ئەنگىلىيەنىڭ Massive Attack گۇرۇپپىسى، شوتلاندىيەنىڭ Primal Scream گۇرۇپپىسى، ئامېرىكانىڭ Indie گۇرۇپپىسى، ياپونىيەنىڭ Japanese Breakfast گۇرۇپپىسى، ئامېرىكالىق ناخشىچى-ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى Carole King، ياپونىيەنىڭ مودا چولپىنى Rina Sawayama ۋە دانىيەلىك سەنئەتچى MØ قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - بېرلىندا غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىڭلىغان كىشى نامايىش قىلدى

 سەنئەت بىلەن ئاقلىنىشقا بولمايدۇ!

 

بۇ ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ باياناتىدا، بايقۇت قىلىش ھەرىكىتنىڭ Sony، Universal ۋە Warner قاتارلىق چوڭ مۇزىكا شىركەتلىرىنىمۇ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن تاشلىغان قەدەم-باسقۇچلىرىنى تەكرارلاشقا ۋە ئىسرائىلىيەگىمۇ ئوخشاش بېسىم ئىشلىتىشكە زورلاشنى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مەدەنىيەتنىڭ يالغۇز بومبىلارنى توختىتىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. ئەمما مەدەنىيەت سىياسىي بېسىمنى رەت قىلىشقا، ئاممىۋى پىكىرنى قوزغىتىپ، ئادالەت يۆنىلىشىدە تەسىر كۆرسىتىشكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان ھەرقانداق دۆلەت ياكى شىركەتنىڭ سەنئەت ئارقىلىق ئاقلىنىشى ۋە نورماللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۆھپە قوشالايدۇ.»

بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم ھۇجۇملىرىغا قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارقۇددۇستا غەززە ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش - TRT ئۇيغۇرچە

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى