ھاماس: تونىي بىلايىر قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلايىرنىڭ غەززەگە تەيىنلىنىش پىلانىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماس: تونىي بىلايىر قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم / AA Archive

ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ھۇسام بەدران تونىي بىلايىرنىڭ ئىراقتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى تونىي بىلايىرنىڭ «پەلەستىنگە نىسبەتەن قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئائىت ھېچقانداق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

بۇ باياناتلار ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى ھۇسام بەدران تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھاماس تەرىپىدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە تارقىتىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «ھارېتز» گېزىتىدە بىر ئەرەب سىياسىي مەنبەسىگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلايىرنى غەززەدە ۋاقىتلىق بىر ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى قىلىپ تەيىنلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەردىن كېيىن تارقىتىلدى.

 بەدران بىلايىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر پىلاننىڭ «پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن شۇملۇق ئالامىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىلايىرنى «بولۇپمۇ 2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئىراق ئۇرۇشىدىكى رولى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى كېرەك بولغان شەخس» دەپ تەسۋىرلىدى.

بەدران بىلايىرنى «شەيتاننىڭ قېرىندىشى» دەپ ئاتاپ: «پەلەستىن دەۋاسىغا، ئەرەبلەرگە ياكى مۇسۇلمانلارغا ھېچقانداق ياخشىلىق ئېلىپ كەلمىگەن، جىنايەتنى ئاساس قىلغان، ۋەيران قىلغۇچى رولى نەچچە يىلدىن بېرى مەلۇم شەخستۇر» دېدى.

ئۇ، غەززە ياكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن مەسىلىلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ «رايونلۇق ياكى خەلقئارالىق بىر تەرەپ تەرىپىدىن مەجبۇرلىماي، مىللىي بىر كېلىشىم ئارقىلىق قارار قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىچكى ئىشلار» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پەلەستىن خەلقى ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ بىزنىڭ ئۆز ئىشلىرىمىزنى ھەم رايون ۋە دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك بايلىقىمىز ۋە تەجرىبىمىز بار.»

بەدران 2023-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ھاماس رەھبەرلىكىنىڭ پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى ۋە دوست دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشقان بىر ئىچكى قارار چىقارغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كۈچىيىشتىن بۇرۇنلا غەززەنى يالغۇز باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

 يېڭى تەكلىپ يوق

 

بەدران ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرى ھەققىدە: «بۇ خىل تەشەببۇسلار ئۈچۈن ئادەتتىكى يول بولغان ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق ھېچقانداق رەسمىي تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىدۇق» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ياكى باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ھازىرغىچە تارقالغان بارلىق دەۋالارنىڭ پەقەت تاراتقۇلار ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەدران يەنە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ماسلىشىپ، كېيىنچە تاماملىنىدىغان ۋە ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق رەسمىي يەتكۈزۈلىدىغان پىكىرلەر ھەم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ھاماس ئايرىم بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 9-سېنتەبىر قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە ھاماس رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان مەغلۇبىيەتلىك سۇيىقەست قىلىش ئۇرۇنۇشىدىن بۇيان توختىتىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە يېڭى تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئەھۋال ترامپنىڭ ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنى نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان 80-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى  ئارىلىقىدا ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىككى يىللىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان 21 ماددىلىق بىر پىلاننى سۇنۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھاماس 18-ئاۋغۇستتا ۋاسىتىچىلەرنىڭ قىسمەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، لېكىن ئىسرائىلىيە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف تەرىپىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تېل ئاۋىۋ تەرىپىدىن تەستىقلانغان بىر تەشەببۇسقا ماس كېلىدىغان بۇ پىلانغا قارىماي، تەكلىپكە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىلىرى ئىرقىي قىلغۇچى بېنيامىن نېتانياھۇنى سىياسەت سەھنىسىدە قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق كېلىشىمنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئىچكى سىياسەتتە، نېتانياھۇ نۆۋەتتە ئۆزىنى تۈرمىگە سولىتىدىغان چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن نېتانياھۇ  ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 10-ئايدىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 65 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمان رايوننى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئاچارچىلىق بىلەن كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسرائىلىيە يەنە غەززە نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى.