تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
«ئىسرائىلىيە قالايمىقانچىلىقتىن ئوزۇقلىنىدىغان بۇزغۇنچى بىر ھاكىمىيەتتۇر»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ئىسرائىلىيەنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن ئوزۇقلىنىدىغان بۇزغۇنچى بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئىسرائىلىيە قالايمىقانچىلىقتىن ئوزۇقلىنىدىغان بۇزغۇنچى بىر ھاكىمىيەتتۇر»
/ User Upload

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئەنقەرەدە «غەززە: ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق سىناق» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران «دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بارلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنى «خەلقئارا قانۇننى قوپاللىق بىلەن دەسسەندە قىلىپ، تۈزۈمدىن ئەمەس، قالايمىقانچىلىقتىن ئوزۇقلىنىدىغان بۇزغۇنچى بىر ھاكىمىيەت» دەپ تەسۋىرلىدى.

دۇران بۇ سۆزلىرىنى چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە دىپلوماتلار، ئالىملار ۋە ئاخباراتچىلار قاتناشقان «غەززە: ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق سىناق» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلدى.

بۇرھانەتتىن دۇران يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇران غەززەدە تىنچلىقنى، ئۇرۇش توختىتىشنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تېزدىن يەتكۈزۈشنى ۋە 1967 – يىلدىكى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا پايتەختى شەرق قۇددۇس بولغان، جۇغراپىيەلىك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە، مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەم رايونلۇق ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان بۇزغۇنچى رېئاللىقىنى ئەمدى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 غەززەنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇتۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە

 

دۇران جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پەلەستىننى «ئۇچۇر – ئالاقە سېپىدە» قوللاشتا مەركىزىي رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇرھانەتتىن دۇران ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بارلىق ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە مېتودلىرى بىلەن، بارلىق سۇپىلاردا ۋە بارلىق مەزمۇن شەكىللىرى بىلەن غەززەنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ 250 دىن ئارتۇق يالغان ئۇچۇرىنى پاش قىلىش، ئالاھىدە ژۇرناللارنى ئېلان قىلىش ۋە خەلقئارا يىغىنلار، كۆرگەزمىلەر بىلەن ئاخبارات ساياھەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەكىتلىدى.

«يەر شارى خاراكتېرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساھەسىنى ھەقىقەت كۈرىشىنىڭ بىر ئالدىنقى سېپى دەپ قارايمىز» دېگەن دۇران، دۇنيانىڭ ئەخلاقىي كومپاسىنى ئويغىتىشقا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ تارىخقا خاتىرىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

 ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا

 

دۇران تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ TRT بىلەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە كەڭ دائىرىلىك خەۋەرلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ۋە تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. زوراۋانلىق ۋە توسقۇنلۇقلارغا قارىماي، تۈركىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ «مەيداندا زوراۋانلىق ۋە توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىشىگە قارىماي، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆزى ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتىن قىلچە ئايانمىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئۇ، «‹TRT Haber› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ غەززەدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق خەۋەر تارقاتقانلىقىنى، «TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ تارقىتىش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى پەلەستىن ۋە غەززەگە ئايرىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 13 تىلدا تەخمىنەن 144 مىڭ خەۋەر، 200 مىڭ پارچە فوتو سۈرەت ۋە 15 مىڭ ۋىدېيو تارقاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىدە دەلىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ رەقەملىك سۇپىسى Tabii، يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىتىش سۇپىلىرىدىكى تەكشۈرۈشكە قارشى «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھېكايىلىرى» ناملىق بىر پىروگراممىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سىستېمىلىق ھالدا قەتل قىلغان ئاخباراتچىلار تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تاماملاپ، كىتابلاشتۇردى. بۇ كىتابتا، ئىسرائىلىيەنىڭ «بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن رېئاللىقلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بولغان 300 گە يېقىن ئاخباراتچىنى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار كۆرسەتكەن فوتو سۈرەتلەر ۋە ۋىدېيولارنى تارقاتقۇزماسلىق ئۈچۈن، بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرگەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىسرائىلىيەنىڭ «دۆلەت تېررورلۇقى»نى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، «پەلەستىننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى

 «ۋىجدان ھەرىكىتى»

 

دۇران غەربنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قوش ئۆلچەملىرىنى تەنقىد قىلىپ، چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە يالغان ئۇچۇرلارغا شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ، بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئورگانلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر «ۋىجدان ھەرىكىتىنىڭ» باشلامچىسى دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۇ يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاخباراتچىلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتنى نامايەن قىلىدىغان كامېرالىرىنى چېقىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى.»

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»