ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ھۆكۈمەت  تاقىلىپ 4 – ھەپتىگە كىرگەندە ئامېرىكا يادرو ئورگىنى 1400 خىزمەتچىسىنى دەم ئېلىشقا چىقاردى
ھۆكۈمەت تاقىلىپ 20 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى تەخمىنەن 1400 خىزمەتچى خادىم ھەقسىز دەم ئېلىشقا چىقىرىلدى.
ھۆكۈمەت  تاقىلىپ 4 – ھەپتىگە كىرگەندە ئامېرىكا يادرو ئورگىنى 1400 خىزمەتچىسىنى دەم ئېلىشقا چىقاردى
ھۆكۈمەت  تاقىلىپ 4 – ھەپتىگە كىرگەندە ئامېرىكا يادرو ئورگىنى 1400 خىزمەتچىسىنى دەم ئېلىشقا چىقاردى / AP

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ يادرو زاپاسلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل ئورگىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى مەجبۇرىي دەم ئېلىشقا چىقىرىشقا باشلىغان.

خامچوت كىرىزىسى 4 – ھەپتىگە قەدەم قويغاندا، دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NNSA) دىكى تەخمىنەن 1400 خىزمەتچى خادىمغا ھەقسىز دەم ئېلىشقا چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىشكە باشلىغان.

ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «دېموكراتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ توختىتىلىشى سەۋەبىدىن، بۈگۈندىن باشلاپ تەخمىنەن 1400 دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى فېدېراتسىيە خىزمەتچى خادىمى دەم ئېلىشقا چىقىرىلىدۇ، تەخمىنەن 400 دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى فېدېراتسىيە خىزمەتچى خادىمى مۈلۈكنى قوغداش ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

«ئاتوم ئالىملىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ 5177 يادرو ئۇرۇش بومبىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 1770 ى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

60 مىڭ تارماق ئورۇننى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ قوراللارنىڭ لايىھىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلىشى، قوغدىلىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل.

CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەم ئېلىشقا چىقىرىش ئالدى بىلەن تېكساس ئىشتاتىدىكى پانتېكس ۋە تېننېسسى ئىشتاتىدىكى Y-12 غا ئوخشىغان يادرو قوراللىرى قۇراشتۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسىگە ھۆكۈمەتنى قايتىدىن ئېچىش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتتى.

ترامپ مۇنداق دېدى: «دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئاز قايمۇقۇشىنى ۋە يېقىندا ئاۋازغا قويۇشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون مەجبۇرىي دەم ئېلىشنىڭ «ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خەتەر» پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ يادرو تەييارلىقىدا رەقىبلىرىدىن ئارقىدا قېلىشى دۆلەتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ئورنىغا «ناھايىتى ئېغىر» تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىسقارتىشنىڭ بېشارىتىنى بەردى

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى