سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا بىر كىشى موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
ئىران بىر كىشىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەشكىلات موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.
ئىراندا بىر كىشى موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
/ AP

ئىران ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئىرانلىق ھۆددىگەر بابېك شاھبازى موسسادقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى سېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئىران دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«بابېك شاھبازى ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بىلەن جاسۇسلۇق ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىن ھەمكارلىشىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى ۋە موسسادقا چېتىشلىق جادۇسلۇق بىلەن بولغان ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشىدىكى رولى ئالىي سوت تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.»

تېلېگراف، ئارمىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قاراشلىق شىركەتلەر ئۈچۈن توڭلاتقۇ سىستېمىلىرىنى لايىھەلەش ۋە قۇراشتۇرۇش ساھەسىدە ئىشلەيدىغان شاھبازىنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىران ئەمەلدارلىرىغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئەسمائىل فىكرى ئىسىملىك ​​بىر موسساد جاسۇسىغا سېتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 فىكرى ئىسرائىلىيەگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن 2025 – يىلى 6 – ئايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىران ئىسرائىلىيەدە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان يەھۇدىيلارنى قانداق جاسۇس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؟

 ئىراندىكى جاسۇسلۇق جىنايەتلىرى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

 

شاھبازىنىڭ ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرى بىلەن شىفىرلىق تور يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەنلىكى، موسسادتىن يوليورۇق ئالغانلىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇئەسسەسەلەر ھەققىدە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توپلاشقا تىرىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي رىقابەت داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئىككى قەدىمىي رەقىب دۆلەت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزئارا جاسۇسلۇق تورلىرىنى پاش قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئۆزئارا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىر – بىرىنىڭ دۆلىتىدىكى يەرلىك كىشىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئىسرائىلىيەگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىرانلىقلارنىڭ سانى بۇ يىل ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپەيدى. يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، كەم دېگەندە توققۇز كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
پۇتىن: «رۇسىيە-خىتاي دوستلۇقى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس» دېدى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 19-ماي ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلار ۋە تەنھەرىكەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرى ۋە چېركەس سۈرگۈنلىرىنى «چوڭ ئىنسانىي پاجىئە» دەپ سۈپەتلىدى
تۈركىيە غەززە ياردەم ئەترىتىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قىلغان مۇداخىلىسىن ئەيىبلىدى
ئىران، ھورمۇز بوغۇزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئورگان قۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى