سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن ترامپنى ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ترامپنى «توماخاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلىشىنىڭ رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
پۇتىن ترامپنى ئاگاھلاندۇردى
پۇتىن ترامپنى ئاگاھلاندۇردى / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن: «‹توماخاۋك› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كىيېۋغا ئەۋەتىلىشى ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ۋە تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ» دەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئاگاھلاندۇردى.

 كىرېمىل باياناتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ پەيشەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«پۇتىن ‹توماخاۋك› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرىغا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»

ئۇشاكوۋ ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ «ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك، شۇنداقلا ئىنتايىن سەمىمىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭ مەخپىي سۆھبەت ئىكەنلىكىنى» ئەسكەرتتى.

ئۇ، پۇتىننىڭ ترامپقا ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

كىرېمىل ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاشىنگتونغا «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە تولۇق ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن؛ ترامپ بولسا توقۇنۇشتا «تېزدىن تىنچلىق ئورنىتىش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇشاكوۋ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەكىتلىگەن  ئاساسلىق نۇقتىلاردىن بىرى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىدۇر.»

ئۇشاكوۋ ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە يېڭىدىن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ دەرھال باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلاشقا كېلىشكەنلىكىنى، بۇداپېشتنىڭ يوشۇرۇن كۆرۈشۈش ئورنى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

 پۇتىن بىلەن ترامپ ئالدىنقى ئايدا ئالياسكادىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدى، ئەمما شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى.

ترامپ بۇ جەرياندا ناتو ئىتتىپاقدىشلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، موسكۋا ئۈستىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى؛ بۇ بېسىم رۇسىيەنىڭ نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىش چاقىرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن» پۇتىن بىلەن ۋېنگىرىيەدە كۆرۈشۈشنى پىلانلىدىم، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرى كېلەر ھەپتە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.»

تېلېفون سۆھبىتى ترامپنىڭ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى. ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىگە ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك قورال سىستېمىلىرىنىڭ كىرىش ئېھتىمالىمۇ بار.

ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، زېلېنسكىينىڭ ئالدىنقى ئايدا قىلغان تەلىپىگە ئاساسەن، «توماخاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كىيېۋغا ئەۋەتىشكە رۇخسەت بېرىش – بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار قىلىش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - پۇتىن ئاخىرى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلدىمۇ؟

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى