خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مېدۋېدېۋ ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ يادرو تۇقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى توغرىسىدا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى.
مېدۋېدېۋ ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ يادرو تۇقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى توغرىسىدا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى / Reuters

رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېۋ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلىتىشكە سەۋەب بولىدىغان  ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى، ھەمدە ياۋروپا رەھبەرلىرىنى جىددىيچىلىك تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە ئىغۋاگەرچىلىكتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېۋ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپانىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئەگەر رەھبەرلەر بۇنداق خاتالىق سادىر قىلسا، بۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ئىشلىتىلىدىغان بىر تۇقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مېدۋېدېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ بۇنداق ئۇرۇشقا، بولۇپمۇ «سوغۇق ۋە كونا ياۋروپا» بىلەن بولغان ئۇرۇشقا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ھالاكەتلىك ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

دەرۋەقە، بۇنداق توقۇنۇشنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى رېئاللىققىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇندۇر.»

نۆۋەتتە رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مېدۋېدېۋ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى تۈگىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇنىڭ موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىگىمۇ زىت كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىدىن كېيىن مېدۋېدېۋ ئاگاھلاندۇردى

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ «ئاجىز ۋە ئامېرىكاغا بېقىندى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قىتئەنى «سالاھىيىتىنى يوقىتىش ۋە تاجاۋۇزچى كۆچمەنلەر ئىچىدە ئېرىپ كېتىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

2008-2012-يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى بولغان مېدۋېدېۋ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا غەرب ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى قاتتىق بايانلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى.

مېدۋېدېۋنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتى، ياۋروپادا دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرى ۋە خەۋپسىزلىك تەييارلىقلىرى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى