تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: پاراخوتلىرىمىز شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىنسانىي ياردەمنى قوللاشقا تەييار
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە: پاراخوتلىرىمىز شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىنسانىي ياردەمنى قوللاشقا تەييار
تۈركىيە: پاراخوتلىرىمىز شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىنسانىي ياردەمنى قوللاشقا تەييار / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ ئېھتىياج تۇغۇلغان تەقدىردە، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە خەلقئارا تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى «NSosyal» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قاراشلىرى دائىرىسىدە، ھازىر شەرقىي ئاقدېڭىزدا كېتىۋاتقان پۇقراۋى پاراخوتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەر داۋاملىشىشىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

رايوندا دائىم ھەر خىل مەشىق ۋە مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان پاراخوتلىرىمىز ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئېھتىياج تۇغۇلغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە خەلقئارا تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەزىپىلىرىنى قوللاشقا تەيياردۇر.

تۈركىيە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر يەردە ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ناتو باش كاتىپى: تۈركىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە زور رول ئوينىماقتا

ئىزدىنىڭ
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى